ئەتىياز پەسلى بالىلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغان پەسىل، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈز پەسلىدە بالىلارنىڭ بويى ئاران 3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىكەن. ئەمما ئەتىياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە بولسا 7.5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىياز پەسلى نۇرغۇن كۆكتاتلار پىشىدىغان پەسىل، بەزى كۆكتاتلاردىكى كالتسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى ھەتتا گۆش ۋە سۈتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە كۆكتاتلارنى يەپ بەرسە، بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئەتىياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق كۆكتاتلار بەك كۆپ، تەھرىر بۈگۈن كۆپچىلىككە بالىلارنىڭ بويى ئۆسۈشىگە ئەڭ پايدىلىق بىر قانچە خىل كۆكتاتنى تونۇشتۇرىدۇ، بالىلارغا كۆپ يىگۈزسە بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقەتەن ئۈنىمى بولىدۇ.
01
بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ پايدىلىق 4 خىل كۆكتات
1. يېسى پۇرچاق(扁豆)
يېسى پۇرچاقمۇ يۇمشاق قاسراقلىق كۆك پۇرچاق بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى گوللاندىيە پۇرچىقى دەپ ئاتايدۇ، بۇ خىل كۆكتاتتا بىر خىل تاتلىق تەم بولىدۇ، مايسىزلىرىنى يېگەن تەقدىردىمۇ، بالىلارنىڭ تەمىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەركىبىدە مول سۇ، فوسفور بولغاندىن سىرت، يەنە ئالاھىدە بولغان ئۆسۈملۈك ئاگگلۇتىنىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى زور ياردىمى بار، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئۇنىڭ تاماق تالاسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىگە پايدىلىق.
لېكىن يېسسىمۇقنى پىشۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا زەھەر بولۇشى مۇمكىن.
2. چۇپۇرشاڭ (芥菜)
چۇپۇرشاڭنىڭ تەركىبىدە كاروتىن، كالىي، كالتسىي، فوسفور، ماگنىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ.
ئەتىيازدا بالىلارغا بىر تەخسە چۇپۇرشاڭ تۈگرە تۈگۈپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، يەنە ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى قورۇغان چۇپۇرشاڭنىڭ تەمىمۇ ناھايىتى ياخشى.
3. پىچەكگۈل(山药)
جۇڭيى تېبابىتىدە، پىچەكگۈل تال ۋە ئاشقازانغا ناھايىتى پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئاساسلىق تاماق قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قەنت مىقدارى تۆۋەن، بالىلار بۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاسان سەمرىمەيدۇ.
پىچەكگۈلنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قورۇش، دۈملەش، قاينىتىپ يېيىشكە بولىدۇ، يەنە ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى ئاسان بۇزۇۋەتمەيدۇ.
4. سەۋزە پۆپۈكى
بۇنداق كۆكتاتلارغا ئاتا-ئانىلار دائىم سەل قارايدۇ، بۇ ھەقىقەتەن بىر ئىسراپ قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى كالتسىي مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، 100 گرام كۆكتات تەركىبىدە 350 مىللىگرام كالتسىي بولىدۇ، گەرچە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى سۈتكە يەتمىسىمۇ، ئەمما كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ كالا سۈتىدىن قالسىلا كالتسىي تولۇقلاشتىكى ياخشى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
ئەتىياز پەسلىدە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى بولغاچقا، سەۋزىنى كۆپرەك يەپ بەرسە كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
02
ئاتا-ئانىلارمۇ كۆكتاتلارنى يېيىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك
1. سەينىڭ رەڭگى ۋە تۈرىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
گەرچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر مول بولسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر ئاددىي، چۈنكى ئۇلار ئاساسەن يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار.
كۆكتاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلىرى ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:
يېشىل كۆكتاتنىڭ كالتسىي تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى، مەسىلەن، پالەك چىچەكسەي قاتارلىقلار؛
قىزىل، سېرىق رەڭلىك كۆكتاتلاردا كاروتىن مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن، سەۋزە، پەمىدۇر قاتارلىقلار؛
سۆسۈن رەڭلىك كۆكتاتلاردا سىئانىدىن بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن، كاپۇستا، سۆسۈن ياڭيۇ قاتارلىقلار؛
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تەكىيە كاۋا، پىدىگەن، پىچەكگۈل قاتارلىق رەڭگى سۇس كۆكتاتلاردىمۇ مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.
شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆكتات تەييارلىغاندا رەڭنىڭ موللۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
2. تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆكتات، بولۇپمۇ يېشىل كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئەمما ئىسسىقتىن، سۇدىن قورقىدۇ.
ۋىتامىن "س" نىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا، ئېقىپ كېتىشى بىر قەدەر تېز بولىدۇ، ۋىتامىن "ب" ، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ.
شۇڭا، كۆكتاتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ھوردا پىشۇرۇش، قاينىتىپ پىشۇرۇش.
بۇ خىل تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرى كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپلا قالماستىن، يەنە مايسىز، ساغلام، تەمىمۇ ياخشى.
بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەرنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن ساقلايدۇ.
3. بىر كىچە تۇرۇپ قالغان كۆكتاتلارنى يىگۈزمەسلىك
كۆكتات ئەگەر بىر كېچە تۇرۇپ قالسا ياكى ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، كۆپ مىقداردىكى نىترىت كىسلاتاسىنى قويۇپ بېرىپ، نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى خورىتىپ، بۆرەككە زىيانلىق.
شۇڭا، كۆكتات يېگەندە، ئەڭ ياخشىسى شۇ ۋاقىتتىلا يېيىش كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ