بۇنداق سۇلياۋ خالتىغا ھەرگىز يېمەكلىك سالماڭ، ئادەمنى زەھەرلەيدۇ

文摘   2024-11-09 11:01   新疆  

 

نۇرغۇن خىزمەتچىلەر ئەتىگەندە ئۆيدە ناشتىلىق قىلىشقا ئۈلگۈرمەي، ھەركۈنى كوچىدىكى يايمىلاردىن ناشتىلىق سېتىۋېلىپ يولدا ماڭغۇچە يەيدۇ، ناشتىلىق ۋېتىۋالغان مۇشۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق كىشىلەر مۇنداق بىر نۇقتىنى بايقايدۇ.

يەنى قولنى كۆيدۈرگىدەك قىززىق قاتلىمىنى سۇلياۋ خالتىغا بىۋاستىلا سالسا سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟

يەنە ئويلاپ باقسام، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق.

ئادەتتە ئاساسەن ئۆيدە ناشتىلىق تەييارلىمايدۇ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يول بويىدىكى يايمىلاردىن يەيدۇ.

ئوراش قۇتىسى، ئوراش خالتىسىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىر قېتىملىق ئوراش ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن.

ئۇنداقتا زادى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزەمدۇ-يوق؟

مۇشۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن بىز «چېڭدۇ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى» ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى يېمەكلىك ئىلمى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانسىدىكى ۋاڭ جۈەن مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلدۇق.

01

سۇلياۋ خالتىغا قىززىق يېمەكلىكلەرنى سىلىش زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلامدۇ؟

يېڭىلا چۈچۈتۈلگەن پىلتە قۇيماق، ھور ئۆرلەپ تۇرغان مانتا، ھورنان، كۆممىقوناق، كولباسا قاتارلىقلار نېپىز سۇلياۋ خالتىغا قاچىلىنىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى ماي بولغان ئەھۋالدا، سۇلياۋ خالتا ئېرىپ كېتەمدۇ؟ زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلامدۇ؟

ۋاڭ جۈەن مۇئەللىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە لاياقەتلىك ناشتىلىق يېمەكلىك خالتىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى PP پولىپىروپىلېن ماتېرىيالى ياكى PE پولىستىرېن ماتېرىيالى. بۇ ئىككى خىل ماتېرىيالنىڭ ئېرىش نۇقتىسى 300 گىرادۇس ئەتراپىدا، ئادەتتە قازاندىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەرمۇ نەچچە ئون گىرادۇس بولىدۇ، شۇڭا سۇلياۋ خالتىنىڭ كۆتۈرگىنىچە ئېرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

PPماتېرىيالى بولسا كىسلاتاغا، ئىشقارغا چىداملىق بولۇپ، 150 يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؛ PE (پولىستىرېن) ماتېرىيالىدا بولسا مايغا چىداملىق، 110 يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. سۇلياۋ چىداملىق تېمپېراتۇرا دائىرىسى ئىچىدە ئاساسەن ئىسسىقلىقتىن پارچىلىنىش ۋە خۇرۇچلارنىڭ يۆتكىلىشى يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان ئەتىگەنلىك تاماقتا زىيانلىق ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.  

لېكىن، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىپ ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يېمەكلىكلەرنى قاچىلاشنى ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇنداقتا، ئىستېمالچىلار خالتىنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق ئايرىيدۇ؟ بۇ يەردە كۆپچىلىككە سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1. ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئېنىق بىلىش: يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ خالتا، چوقۇم سۈزۈك بولۇشى كېرەك، يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقان يۈزىدە باسما بۇيۇم بولماسلىقى كېرەك، يېمەكلىكلەرنى رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاشقا بولمايدۇ.

2. بەلگىگە قاراش: لاياقەتلىك بولغان يېمەكلىك سۇلياۋ خالتىسىنىڭ سىرتىغا چوقۇم« يېمەكلىك دەرىجىسى» ، « يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان» قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مەخسۇس بەلگىسى يېزىق ياكى پىچاق، ۋىلكا قاتارلىق نەقىش بەلگىلىرى بىسىلغان بولىدۇ.

3. قېلىنلىقىغا قاراش: تاماقنى ئوراپ قاچىلايدىغان خالتىغا بەك نېپىزنى تاللىماسلىق كېرەك.

4. تۇتۇپ بېقىش، پۇراپ بېقىش: لاياقەتلىك يېمەكلىك سۇلياۋ خالتا سۈزۈك، رەڭسىز، غەيرىي پۇراقسىز بولۇشى، قول بىلەن سىلىغاندا ناھايىتى سىلىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر رەڭگى دۇغدەك كۆرۈنسە، غەلىتە پۇرىسا، سىلىغاندا قول بىلەن تۇتسا سىلىق بولمىسا، ئۇ ھالدا لاياقەتسىز سۇلياۋ خالتا بولۇشى مۇمكىن (ئادەتتە يىغىۋېلىش ماتېرىيالى قوشۇلىدۇ) ، بۇنداق سۇلياۋ خالتىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

02

بىر قېتىملىق ئوراش-قاچىلاش قاچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

بەزى ئاشخانىلار دائىم تاماقلىرىغا يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى تۇزلۇق ماىترياللارنى ئىشلىتىدۇ، بۇنداق ئاشخانىلاردىن تاماق بۇيرۇتساق، يول ئۈستىدە سىلكىنىپ، تاماق قاچىسىدىن ماي سىرغىپ چىقىدۇ ھەمدە سۇ ھورىغا چىلىنىپ يۇمشاپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، بۇ تاماقنى يىسە راك پەيدا بولامدۇ؟

ۋاڭ جۈەن مۇئەللىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاماق قاچىسىنىڭ ماتېرىيالى ئاساسلىقى: بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ تاماق قاچىسى ۋە قەغەز قاچا-قۇچىلاردۇر. مەيلى قايسى خىل ماتېرىيال بولسۇن، ھەممىسى ئادەتتىكى كىسلاتاغا، تۇزغا، مايغا چىداملىق بولىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغانلا بولسا، مەسىلە چىقمايدۇ، راك پەيدا قىلمايدۇ.

لېكىن، سۇلياۋ بۇيۇملار بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئۇچرىشىش ۋە ئىشلىتىش ياكى سۇلياۋ قاچا-قۇچىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىپ، ئۆيدىكى ماي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، سۇلياۋدىكى پلاستىكلاشتۇرغۇچ قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار ئاجرىلىپ چىقىپ، نورمال ئىچكى ئاجراتمىغا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن.

سۇلياۋ بۇيۇملار بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئۇچرىشىش ۋە ئىشلىتىش ياكى سۇلياۋ قاچا-قۇچىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى:

1. ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشسا كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئانىلىق جىنسىي يېتىلىشنى ئالدىغا سۈرىدۇ؛

2. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھورمۇننىڭ جىنسىي ئەزا ئۆسمىسىگە تايىنىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى ئۆسمىسى، ئۇرۇقدان راكى قاتارلىقلار.

پەقەت ئۇزۇن مۇددەت سۇلياۋ (مەسىلەن، مۇۋاپىق بولمىغان سۇلياۋ تۇڭغا ئۇزاق مۇددەت ماي قاچىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار) نى خاتا ئىشلەتمىسىلا سۇلياۋ ئىشلىتىپ راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ؛ ئەگەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئورگانىزمنىڭ ئورگانىك ماددىلارغا بولغان مېتابولىزمىغا پايدىلىق.

03

قانداق ماتېرىياللىق تاماق قاچىسىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا كىرگۈزسە بولىدۇ؟

ئەلۋەتتە، يەنە بەزى كىشلەر سىرىتتىن تاماق بۇيۇرۇتۇپ يىيىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئۆيىدە تەييارلىغان تاماقنى ئىش ئورنىغا ئەكىلىپ يەيدۇ، لېكىن بۇ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كىلىدۇ. سۇلياۋدىن ياسالغان، ئەينەكتىن ياسالغان، مېتالدىن ياسالغان، ساپالدىن ياسالغان تاماق قاچىسى... ئالدىن تاللاش تەرتىپى نېمە؟

ۋاڭ جۈەن مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىن تاللاش تەرتىپى مۇنداق بولۇشى كېرەك:

ساپال، ئىسسىققا چىدامچان ئەينەك، سۇلياۋدىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سىلىشقا بولىدۇ، مېتال ماتېرىياللىق قاچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

1. ساپال، فار-فور قاچا قۇچىلار

فارفۇر بۇيۇملار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، تۇراقلىقلىقى يۇقىرى، ئىسسىققا چىدامچانلىقى ياخشى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى قىزدۇرسا ئاسان چېقىلمايدۇ.

لېكىن، يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقان تەرەپكە ئەڭ ياخشىسى سىدام فارفور ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى رەڭلىك ئېمال تەركىبىدە ئوخشىمىغان ئېغىر مېتاللار بار بولۇپ، ئىسسىقلىققا يولۇقسا يېمەكلىككە كۆچۈشى مۇمكىن.

2. ئىسسىققا چىداملىق ئەينەك قاچا-قۇچىلار

ئەينەكنىڭ تەركىبى ئاساسلىقى سىلىكاتلار بولۇپ، كىسلاتاغا، ئىشقارغا چىداملىق، خىمىيەلىك مۇقىملىقى ياخشى، زەھەرسىز، پۇراقسىز، لېكىن ئەينەك تاماق قاچىسىنى تاللىغاندا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

ئەڭ ياخشىسى ئىسسىققا چىداملىق ئەينەكنى تاللاش كېرەك: كۆپ ساندىكى ئەينەك بۇيۇملار قىزىتىلسا ئاسان چېقىلىپ كېتىدۇ، ئەينەك پارچىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ! شۇڭا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سىلىپ تاماق قىزدۇرىدىغان ۋاقىتتا ئىسسىقلىققا چىداملىق ئەينەكنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

ئەڭ ياخشىسى رەڭسىز ئەينەك تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك: رەڭلىك ئەينەك تەركىبىدىكى رەڭلىگۈچ تەركىبىدە ئېغىر مېتال بولۇپ، بۇ ئېغىر مېتاللار ئىسسىقلىق تەسىرىدە يېمەكلىككە يۆتكىلىپ زىيان پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ« خرۇستال ئەينەك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەھسۇلات بولۇپ، مەيخانا بۇ خىل زىيانلىق ماددىنى ئاسان قويۇپ بېرىدۇ.

3. سۇلياۋ بۇيۇملار

سۇلياۋدىن ياسالغان ماتېرىياللارنىڭ تۇراقلىقلىقى ئىسسىققا چىداملىق ئەينەك بۇيۇملار ۋە ساپال بۇيۇملاردەك ياخشى ئەمەس، ئادەتتىكى سۇلياۋدىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى مىكرو دولقۇنغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، پەقەت PP ماتېرىيالىدىن ياسالغان سۇلياۋ قاچا-قۇچىلارلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى سېتىۋالغاندا ماتېرىيالنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىڭلار.

مېتال ماتېرىياللار بولسا قىزدۇرۇش جەريانىدا ئاسانلا ئوت ئۇچقۇنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا پارتلايدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئامال بار يۇقىرىدىكى بىرقانچە خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان قاچىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章