شىنجاڭلىق قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى!
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىللىق خەييېسى كۈچتۈڭگۈرلەر يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يېقىندا ئاياغلاشتى، مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە بىر شىنجاڭلىق قىزنىڭ سىماسى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئىسمى دىلخۇمار بولۇپ، ئاياللار +64 گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
مۇسابىقىدە نومۇر جەملەش تۈزۈمى قوللىنىلدى، دىلخۇمار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۈچەپ تارتىش، قۇم خالتا توشۇش، يۇمىلاق ياغاچ كۆتۈرۈش، تاش يۆتكەش قاتارلىق كۆپ تۈرگە قاتنىشىپ، جەملىمە نومۇر بويىچە ئاياللارنىڭ +64 گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى بولدى.
85 كىلوگراملىق تاشنى كۆتۈرۈپ مەيدان ئايلىنىشتا رىقابەتچىسىدىن ھالقىپ ئۆتتى.
60 سېكۇنت ئىچىدە 75 كىلوگراملىق يۇمىلاق ياغاچنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈشنى تاماملىدى.
80 كىلوگراملىق ئۈسكۈنىنى كۆتۈردى....
قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرى تورداشلارنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.
ۋالىلداپ تۇرغان چىراغ نۇرى ئاستىدا، ئۇ «نۇر چاچتى».
ئۇنى تونۇشتەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
ئەمەلىيەتتە دىلخۇمار ئىلگىرى كۆپچىلىكنى بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئاياللار 400 مېتىرلىق زال ئىچى مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، بۇ ئۇنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ماھارەت كۆرسىتىشى ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «شىنجاڭلىق كۈچتۈڭگۈر قىز» قىياپىتى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا كەسپىي مۇسابىقىگە كىردى.
خەييېسى كۈچتۈڭگۈرلەر مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئوخشاش بولمىغان ئېغىرلىق گۇرۇپپىسى ۋە جىنس گۇرۇپپىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان كۈچتۈڭگۈرلەر مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر خىل تەنھەرىكەتچىلەرنى باراۋەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان، 2023-يىلى بۇ مۇسابىقە جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ يەرلىك مۇسابىقە ئارقىلىق كەسپىي كۈچتۈڭگۈرلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا دىلخۇمارغا ئوخشاش ئىزچىل يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ياشلار بار. خۇددى دىلخۇمار تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىگە قايتۇرغان سۆزىدە تىلغا ئالغىنىدەك، «ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار بۇرۇنلا باشلانغان».
مەيلى ئۈن-تىنسىز تىرىشقان بولسۇن ياكى بىردىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغان بولسۇن، ئەستايىدىللىق بىلەن پۇختا قەدەم تاشلاپ، تەدرىجىي كۈچ توپلىغاندا، ھامان ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن توردا مۇھەببەتلەشكەن ئەر
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟