يەكەندە توققۇز ئادەم جازالاندى

时事   2024-11-29 21:24   北京  

بانكا كارتىسى سېتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ مەبلەغ يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن

شىنجاڭ يەكەندە توققۇز ئادەم ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلىكتىن جازالاندى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەكەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار چۈەن XX قاتارلىق توققۇز كىشىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن، جاۋابكارلارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە جەرىمانە قويدى.

جاۋابكار چۈەن XX قىمار ئويناش سۇپىسىدىن مەلۇم ئەپ دېتالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، جاۋابكار ۋاڭ XX بىلەن لۇڭ XX كە توردا ھېسابات يۆتكەش ئارقىلىق شېرىنكانە تېپىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ۋاڭ XX بىلەن لۇڭ XX سۇپىغا 20 مىڭ يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن، جاۋابكار لى XX نى تەرەققىي قىلدۇرغان، لى XX يەنە جاۋابكار چيەن XX قاتارلىق بەش كىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.

تېخىمۇ كۆپ بانكا كارتىلىرىنى يىغىپ قىمار سۇپىسىدا پۇل يۆتكەش سودىسى قىلىش ئۈچۈن، 2021-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە، لى XX قاتارلىقلار قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسىدە ھەر بىر يۈرۈشىگە 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە باھادا، ياڭ XX قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بانكا كارتىسى، بانكا كارتىسىغا باغلانغان تېلېفون نومۇر كارتىسى، بانكا كارتىسى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى-كەينى سۈرىتىدىن جەمئىي 43 يۈرۈشنى سېتىۋالغان.

ئارقىدىن جاۋابكار چۈەن XX، ۋاڭ XX، لۇڭ XX لى XX قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، توپلىغان بانكا كارتىسى ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم ئەپ دېتالى توپىغا يوللاپ، ئۈستى قاتلامدىكىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، باشقىلارنىڭ مەبلەغ يۆتكىلىشىگە ياردەم بەرگەن. 2022-يىل 6-ئايدىن 7-ئايغىچە، بۇ شايكىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق بانكا كارتىلىرىدىن پايدىلىنىپ راسچوت قىلغان مەبلىغىنىڭ بانكا سودىسىدىكى ئېقىم ئومۇمىي سوممىسى 86 مىليون 530 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان.

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، چۈەن XX، ۋاڭ XX، لۇڭ XX تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، لى XX قاتارلىقلار دېلوغا كەلگەندىن كېيىن جىنايى قىلمىشلارنى ئەينەن ئىقرار قىلدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلدى.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار چۈەن XX، ۋاڭ XX، لۇڭ XX، لى XX چيەن XX قاتارلىق بەش ئادەمنى تەشكىللەپ، باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارنى پۇل تۆلەش، راسچوت قىلىش ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، سانى بىرقەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىناۋەتلىك كارتىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى ۋە ئۇچۇر تورى جىنايى قىلمىشىغا ياردەم بېرىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، ئېغىر بولغان ئىناۋەتلىك كارتىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن جازالاش كېرەك، دەپ قاراپ، توققۇز كىشىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بېكىتتى.

جاۋابكارلارنىڭ ئورتاق جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئوينىغان رولى، دېلوغا كەلگەندىن كېيىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى تونۇشى، زاڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى ئىناۋەتلىك كارتىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ۋاڭ XX كە قانۇن بويىچە ئىككى يىل سەككىز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى؛ جاۋابكار چۈەن XX، لۇڭ XX، لى XX كە ئىككى يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى؛ باشقا جاۋابكارلارغا ئىككى يىلدىن ئىككى يىل ئىككى ئايغىچە ئوخشىمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە جەرىمانە قويدى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章