كۈنلەمچى ئانام
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
19-قىسىم
يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر نەپەس ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئىشىكنى يەڭگىل ئىككىنى چىكىۋىتىپ ئىچىگە كىردىم ۋە ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئۇدۇل ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ يىنىغا كىلىپ توختىدىم ، خوشنا كارۋاتتىكىلەر مىنى كۆرۈپلا شارت - شۇرت قىلىشىپ ئوتتۇرىدىكى پەردىلىرىنى يىپىۋىلىشتى .
- خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ شەمشىنۇر؟ سىزنىڭ ئاغرىپ قالغىنىڭىزدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالماي قاپتىمەن ، ئەمدى بولسىمۇ ئەھۋالىڭىزنى بىر سوراي دەپ كىلىشىمتى ، قەيىرىڭىز ئاغرىيدۇ ؟ نىمىشقا ماڭا … - ئۆزەمنى تۇتىۋالالايمەن دەپ ئويلىغىنىم نەدە قالدى ؟ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ ، ئاۋازىمنىڭمۇ تىترەپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان ، دەۋاتقان گەپلىرىمنىڭ تاققا - تۇققۇلىقىچۇ تىخى ! شۇ تاپتا ئۇنىڭ كىسەل چىرمىغان ئاجىز تىنىنى باغرىمغا بىر بىسىۋالالىغان بولسام ھە ؟! لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم ، مۇشۇ نەچچە ئېغىز گەپتىن باشقىغا قىلچىلىك جۈرئىتىم يوق . ئۇ بىچارە بولسا ئىشىكتىن كىرگىنىمنى كۆرۈپلا ئاغزى ئىچىلىپ داڭقىتىپ قىلىۋىدى ، كۆزىنى شىپمۇ قىلماي چەكچىيىپلا ياتاتتى ، ئىككى كۆزىنىڭ جىيىكىدىن ئىككى تامچە ياش قۇلىقى تەرەپكە سىرغىپ غايىپ بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇردۇم . ھەر ئىككىلىمىز گەپ قىلالماي شۇ ھالەتتە بىردەم تۇرغاندىن كىيىن مەن مەجبورەن ئىسىمنى يىغدىم ، ياتاقداشلىرى ئىككىمىزگە يامان نەزەردە بۇلۇشسا بولمايتتى ، مىنىغۇ نىمە دىسە مەيلى ، مەن ئۇلارنى ، ئۇلار مىنى تۇنىمىغاندىكىن ، لىكىن شۇنچە ۋاقنىڭياقى يىگىتىمۇ ، ئېرىمۇ يوق يالغۇز يىتىۋاتقان ئايالنى كەچقۇرۇن بولۇپ قالغاندا مەندەك بىر مۇساپىر ئەر كۆرگىلى كىرسە ، ئاندىن ئىككەيلەن پەردىنىڭ كەينىدە جىممىدە بۇلۇشۇپ كەتسە ھەر قانداق ئادەم قىزىقىپ قالىدۇ ، پەردىنىڭ كەينىدە نىمە قىلىشىۋاتقىنىمىزنى تەتقىق قىلىشىدۇ ۋە شەمشىنۇرغا ئۆزلىرى خالىغانچە بىر بۆكلەرنى كەيگۈزۈپ قۇيىشىدۇ .
- ئانام سىزنىڭ ئاغرىپ قالغىنىڭىزنى ئاڭلاپلا ھەممە تۇغقانلارغا ۋەكالىتەن شەمشىنۇر قىزىمنى يۇقلاپ كەل دەپ پەقەت ئولتۇرغۇزمىدى مىنى ، پويىزدىن كەچقۇرۇنراق چۈشكەن بولساممۇ سىزنى بىر كۆرىۋىلىپ ئاندىن ياتاققا ئورۇنلىشاي دەپ ئۇدۇللا كىرىپ قالدىم ، بىرەر نەرسە يەمسىز ، نىمە يىگۈڭىز بار؟ مۇشۇ يەرگىلا ئەكىرەيمۇ يا چاقلىق ئورۇندۇق تىپىپ سىرتقا ئىلىپ چىقايمۇ سىزنى ، - ئۇ ھىچقايسى گىپىمگە ئىنكاس قايتۇرماي ھەيكەلدەك قاراپلا ياتقاچقا ئەمدى نىمە دىسەم بولىدىغىنىنى بىلەلمەي سەل ئىككىلىنىپ قىلىپ :
- مەسئۇل دوختۇرىڭىزنىڭ ئىشخانىسىنى دەپ بەرسىڭىز دۇختۇرىڭىز بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقايمۇيا ؟ …
- چاقلىق ئورۇندۇق تىپىپ كىرسىڭىزمۇ مەيلى ، - قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىمنى توختىتىپ ئۇنىڭدىن ئاخىرى زۇۋان چىققان ئىدى . بالنىست ئىچىدە پەقەت مەنلا سۆزلەپ باشقىلار جىمجىت بولغان بىلەن بىر مۇنچە قۇلاقلار نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرسا : بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ كۆزۈمدىن يۇقىلىڭ ! دەپ ۋارقىراپ جار سالالمىغاندىكىن ، گاچىدەك يىتىۋېرىشتىن ئۇمۇ ئوڭايسىزلاندىمۇ ئاخىرى مەن ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ سىرتقا ئىلىپ ماڭدىم . سىرتتا ئاللىقاچان گۇگۇم پەردىسى يىيىلىپ بولغان بولسىمۇ ، ھەر خىل چوڭ - كىچىك چىراقلارنىڭ يورۇقىدا دۇختۇرخانا ھويلىسى ئوبدانلا يورۇپ تۇراتتى . سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلۇش بىلەن تەڭ يىنىك تىن ئىلىۋالدىم .
- قەيىرىڭىز ئاغرىيدۇ شەمشىنۇر؟ دەۋالاشنىڭ ئۈنىمى بولىۋاتامدۇ ؟ قاچانلاردا ياخشى بۇلۇپ بالنىستتىن چىقالايدىكەنسىز؟ بالنىستىن چىققاندا يۇرتقا قايتىپ كەتسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ ، بۇ شەھەر بەك …
- بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ مىنىڭ قانچىلىك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى كۆرگىلىما ؟ كۆرۈپمۇ بولدىڭىز ، ئەمدى كىتىپ قالامسىز؟ مىنىڭ سىزگە دىگۈدەك ھىچقانداق گىپىم يوق ! - خالىيراق بىر يەرنى تىپىپ ئولتۇرۇپ ئەمدى ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشىمغا ئۇ گىپىمنى قايرىپلا سوراقنى باشلىۋەتتى .
- ئۇنداق دىمەڭ شەمشىنۇر ، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بۇرۇندىنلا بەك بىلگۈم بار ئىدى ، لىكىن سىزنىڭ خاپا بولشىڭىزدىن ئەنسىرەپ …
- ئەھۋالىمنى تازا قانغۇدەك كۆرىۋالدىڭىز مانا ، سىزدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بېرى مىنى بىرەر ئەر زاتى ياقتۇرۇپ قالدىم ، ئالاي سىزنى دەپمۇ باقمىدى ، بالىياتقۇ راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مۇشۇنداق قىينىلىپ يىتىپ ئۆلۈمنى ساقلاۋاتىمەن ، بۇنىڭدىن باشقا سىز بىلگۈدەك ئىشمۇ يوق ، ئەڭ ياخشىسى قايتىپ خۇتۇنىڭىزغا ھەمرا بۇلۇڭ ، ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتەرمەي ، - راك دىگەن قورقۇنچلۇق گەپنى ئاڭلاپ جىنىم تەن قەپىزىمدىن بىر قىتىم چىقىپ قايتا كىرگەندەك يۈرىكىم پارە - پارە بولدى . شەمشىنۇر كۆرمىگەن مۇشۇ كىسەل ئازابىلا قالغان ، رەھىمسىز تەقدىر ئەمدى بۇنىمۇ نىسىپ ئىتىپ كۆڭلى قەرەل تاپقانمىدۇ ؟ بۇ تەقدىرمۇ خوشاللىق بىلەن ئازاپنى ئىنسانلارغا تەڭ نىسبەتتە تەقسىملەپ بەرگەن بولسا ، بېرىلگەن خوشاللىقمۇ بىر ھەددى بولسا ، ئۆزىمىزنى بىلەلمەي كېرىلىپ كەتمىگەن بولاتتۇق . ئازاپمۇ كۆپرەك پارچىلىنىپ تەڭ تەكشى تەقسىملەنگەن بولسا سالمىقى يىنىكلەپ جىنىمىز بۇنچە قىينالمىغان بولاتتى ئەمەسمۇ . شەمشىنۇردەك ھەقىقىي سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشكە ئېرىشكەن بىر ئايال پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئازاپ - ئۇقۇبەتنىڭ كۆپ بۇلۇپ كەتكىنىدىن ياش تۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىۋاتمامدۇ ؟ ئۇنىڭ تەقدىردىن كۈتكىنى ئۇنچە بەك كاتتا كەلگۈسى ، ئۇلۇغۋار مۇھەببەتمۇ ئەمەس ئىدىغۇ ، ئانام ئۇنى يامان كۆرمەي ماڭا بەرگەن مىھىرنىڭ ئوندىن بىرىنى بەرگەن بولسا ، ئەقىللىق ، ساغلام پەرزەنتىمىز بولغان بولسا مەن بىلەن مەڭگۈ جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئۆتۈشكە تەييارلا تۇرغان ئىدىغۇ ؟ شۇنچىلىك ئاددى بەخىتكىمۇ پىخسىقلىق قىلىنسا ئىنسان بۇ جاھانغا كىلىپ نىمىش قىلىدۇ ؟ …
- سىرتقا ئىلىپ چىقىمەن دىسە ھە دەپ ئولتۇرغىچە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتسەم بولمايدۇ ، چىقالمايمەن دىسەڭ بولمامدۇ دەيمەن ؟ قارىغىنە ئاغرىپ كىتىۋاتقىنى چىرايىڭغا چىقىپلا كىتىپتۇ مانا ، مۇشۇنداق كۆڭۈلچەكلىكىڭدىنغۇ نەگىلا بارساڭ ئازار يەپلا يۈرىسەن سەن ، تازىمۇ بىر ! - تۇنۇش بىر ئاۋازنىڭ تەگىشى بىلەن ئىسىمنى يىغىپ قارىسام ھىلىقى تەييار چۆپ باش ماڭا ئالايغىنىچە شەمشىنۇر ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى بالنىست بىناسى تەرەپكە بۇراپ بۇلۇپ ئىتتىرىپ ماڭغىلىۋاتاتتى .
- چىقمىسام قانداق پاراڭلىشىمەن ئادەم بار يەردە ؟ دەيدىغاننى دەۋالدىم ، ئوبدان كەپسەن ، مىنى تىزراق ئەكىرىپ كەتكىنە ئاداش ، بەكمۇ يىتىۋالغۇم كىلىپ كەتتى ، - ئورنۇمدىن قاڭقىپ تۇرۇپ ئىككى ئاتلاپلا ئۇلارغا يىتىشتىم ۋە ئورۇندۇقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالماقچى بۇلۇپ قۇلۇمنى سۇندۇم :
- ئەكىلىڭە ، مەن ئىتتىرەي ، - لىكىن ئۇ ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى ماڭا بىكارلاپ بېرىش ئۇياندا تۇرسۇن كۆزلىرىنى ئالايتقىنىچە غۇدۇڭشۇپ قويدى :
- بولدى كېرەك ئەمەس ! دەيدىغاننى دەپ بوپتىغۇ ، يۇقالماي نىمە بۇدۇشقاقلىق قىلىدىكىنە ؟ - شۇنچە يىراقتىن كەلگەن ئادەم ئۇنچىلىك گەپكە كەينىمگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالامدىم ؟ ئەگىشىپ مىڭىۋەردىم :
- نەچچە سائەت يول مىڭىپ ئاران كەلسەم نەچچە مىنۇتتىلا كەتكۈزىۋەتسەڭلار قانداق بولىدۇ ؟ ھىچبولمىسا ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ كىسىلى توغرىلىق …
- ۋاي - ۋۇي ! نىمانداق كالىنىڭ پىشمىغان يېرىدەكلا داپشاق نىمە ماۋۇ ؟ تولا كاسىلداپ ئادەمنى بىئارام قىلماي يۇقالغىنە ماڭ ! قايسى سالاھىيىتىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىسىلى توغرىلىق گەپ ئىچىپ يۈرەتتىڭ ؟ مازمۇ يا بۇزۇقمۇ سەن ؟ - راستىنى دىسەم ئۆمرۈمدە بۇنداق سەت تىلنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، قىلچە ئەيمەنمەي مىنى ھاقارەتلەۋاتقان مۇنۇ تەييارچۆپ باش شەمشىنۇرغا ئەڭ يىقىن تۇرىۋاتقان ئادەم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئەلەمدىن كۈۋەجەۋاتقان قىنىمنى زورىغا بىسىۋىلىپ ھىچنىمە بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئەگىشىۋەردىم .
- مىنى نىمىلا دەپ تىللىسىڭىز مەيلى ، شەمشىنۇرنىڭ ئالدىدا مەن شۇنىڭغا لايىق ، لىكىن كەت دەپ قوغلىماڭ ، بەرىبىر كەتمەيمەن ، شەمشىنۇرنى چوڭراق يەرگە يۆتكەپ …
- ئىت زۇۋانىڭنى ئەمدى يىغمايدىغان بولساڭ ساقچى چاقىرىمە جۇمۇ ؟ …
- بولدى قىلساڭچۇ ئاداش ، - شەمشىنۇر ناھايىتى بوش ئاۋازدا شۇنداق دەپ ئاۋۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىشى بىلەن ئۇمۇ ئامالسىز سەل بوشىدى شۇنداقتىمۇ :
- سەندەك نىمىنى تىللاشقا كىم خۇشتاركەن ؟ ما بىچارىگە ئارتۇق گەپ ياراشمايدۇ ئۇقتۇڭمۇ ؟ - دەپ چەكچىيىۋالدى ، مەنمۇ دەرھال بىشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ دىگىنىگە بويسۇنىدىغىنىمنى بىلدۈردۈم .
- ئەڭ ياخشىسى ئەمدى توختاپ قال ، مەن ئۇنى كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقىپ سەن بىلەن پاراڭلىشاي ماقۇلمۇ ؟ - تەييار چۆپ باش شەرەتلەر بىلەن بوش پىچىرلاپ شۇلارنى دىگەندىن كىيىن تىز تىز مىڭىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . مەنمۇ مەخسۇس ئاياللار ياتىدىغان بالنىستتا يەنە تىمىسقىلاپ يۈرۈشتىن ئۇيۇلۇپ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم . تەخمىنەن قىرىق مىنۇتلاردىن كىيىن ئۇ راسلا بالنىست بىناسىدىن چىقىپ كەلدى .
- ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ ، كۆڭلۈڭ تۇيۇپمۇ بولغاندۇ بەلكىم ، ئۇنىڭ جىق ۋاقتى قالمىدى ، بىر ھىساپتىغۇ ئۇنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشىغا تۇقسان تۇققۇز پىرسەنت سەن سەۋەپچى …
- توغرا دىدىڭىز ، تەن ئالىمەن ، ھەممىگە مەن سەۋەپچى ، ئۇنىڭ قەدرىنى لايىقىدا قىلالىغان بولسام بۇ ئىشلار ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيتتى ، بۇ ئىشتا ئۆزۈمنى ئۆمۈر بويىمۇ كەچۈرەلمەيمەن … - خىجىللىقىمدىن ئاۋازلىرىمنىڭ يىغىغا كىتىۋاتقىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي مىنى ئەيىپلەشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .
- توختىغىنە ۋاي ! ئۆزۈڭنى كەچۈرەلمەيمەن دەيدىغان باسقۇچقا كەلمىدىڭ تىخى سەن ، ئالدىراپ ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا ئۇرۇنما ! قارارىم ئۆزگەردى ، سىنى ئەمدى قايتىپ كەت دىمەيمەن ھەم بۇ يەردىن بىردەم نېرى بۇلۇشۇڭغا رۇخسەتمۇ يوق ! ئۇنىڭغا كۈندۈزى سەن قارايسەن ، مەن تاماق تۇشۇيمەن ، كىچىسى مەن ھەمراھ بولىمەن ، سەن مۇشۇ دۇختۇرخانا ھويلىسىدا بىرەر جاينى تىپىپ ياتىسەن ، تىلفۇنۇڭنى ئىتىۋالمايسەن ، ھايتلا دىسەم دەرھال ئۈنىشىڭ كېرەك ، بەلكىم ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىۋاتقانسەن ، ئۇ كىتىپ قالغاندىن كىيىن بەزى ئىشلارنى بىلسەڭ بۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھىچنىمە ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالىسەن ، كىيىنكى ۋىجدان ئازابىڭنى بەك ئېغىر بولۇپ كەتمىسۇن دىسەڭ ئىپادەڭ ئاتتەك بولسۇن ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ - تەييار چۆپ باشنىڭ قايتىپ كەتمەي مۇشۇ يەردە تۇرىسەن دىگىنىدىن كۆڭلۈم ئەمىن تاپقاندەك بولغان بىلەن گىپىنىڭ ئاخىرى چۈشۈپ بولغۇچە يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلەشكەندەك بولدى .
ئەسكەرتىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسىلا سەكراتتىكى ئادەمنى ساقلىشىدىغاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغۇ ؟ ئەجىبا شەمشىنۇر ئۇ راسلا … - خىيالىمنى داۋاملاشتۇرالماي نەپسىم بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ گىلىم غىققىدە سىقىلغاندەك بولدى .
- ئۈنۈڭمۇ چىقمايدىغۇ ؟ مەن دىگەندەك قىلالمايدىغان ئىشىڭ بولسا ھازىرلا يۇقال …
- ياق ، ياق ، ياق ! قىلالايمەن ، چۇقۇم قىلىمەن ، مەن پەقەت ئۇنى چوڭراق دۇختۇرخانىغا يۆتكەپ باقساق ياخشى بولۇپ قالا بولغىيتتىمىكىن دەپ ئويلىغان ، سىزنىڭچە ، - دىيىشىمگە ئۇ يەنە قوپاللىق بىلەن گىپىمنى ئۈزدى .
- ھىھ ! سىنىڭچە بۇ دۇختۇرخانا كىچىكمىكەن ؟ بۇ دوختۇرخانىچۇ دەۋالىسا ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ھەر قانداق كىسەلنى داۋالىيالايدۇ ، شەمشىنۇر كىسەلنى يۇشۇرۇپ دەۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قۇيۇپتۇ شۇ ، تولا ئاقماس گەپنى قىلماي ئۇنى نەچچە كۈن ئوبدان بىقىۋال ، - ئىشىنەي ياكى ئىشەنمەي ، خالاي ياكى خالىماي بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا ئىلاجىممۇ يوقتەك قىلاتتى .
ئەھۋالى بارغانسېرى بوشاپ كىتىۋاتقان شەمشىنۇرنىڭ ھالىدىن تەييار چۆپ باشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۈچ كۈن خەۋەر ئالغاندىن كىيىن كەچتە ئۇنىڭ بىلەن ئالمىشىپ سىرتتىكى قونالغۇمغا كىلىپ خىيال بىلەن يىتىپ ئەمدى كۆزۈم ئۇيقىغا ئىلىنىشىغا تىلفۇنۇم ئەنسىز سايراپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم ، ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇرتتىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ نۇمىرىنى خىيمىڭدەن قىلىۋەتكەچكە بۇ چۇقۇم تەييار چۆپ باش ئۇرغان تىلفۇن ئىدى .