ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇن لايىھەسىنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا يەسلىلەرنىڭ ھاۋالىلىك سىنىپىغا بالىلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلمەكچى
ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇن لايىھەسىنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ھاۋالىلىك بېقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يەسلىلەرنىڭ ھاۋالىلىك سىنىپلىرىغا بالىلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، لايىھەنىڭ 3- قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
لايىھەنىڭ 2- قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، شارائىتى بار يەسلىلەرنىڭ ھاۋالىلىك سىنىپ ئېچىپ، ئىككى ياشتىن يۇقىرى، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ھاۋالىلىك بېقىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەسلى بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، بوۋاقلار، بالىلار ئائىلىلىرىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بەزى خادىملار، يەرلىك ۋە جەمئىيەتتىكى بەزى ئاممىنىڭ تەكلىپىگە قارىتا، لايىھەنىڭ 3- قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىدىن «ئىككى ياشتىن ئاشقانلار» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، لايىھەنىڭ 3 ـ قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا يېڭىدىن بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەسلىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ يەسلى ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ۋە چارلاش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ نام- ئابرۇيى، شەخسىيىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، لايىھەنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى. يەسلى قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش، ئىشلىتىش، تەمىنلەش، ئاشكارىلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ