جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولىرىنىڭ سانى،ساھەسى كۆپىيىۋاتىدۇ

时事   2024-11-16 18:01   北京  

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە چېگرا ھالقىغان چىرىكلىكنى تۈزەشنى ماس قانات يايدۇرۇش كېرەك

ھازىر، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش كۆپ بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت، كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجى ئېشىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولىرىنىڭ سانى، تۈرى، ساھەسى كۆپىيىۋاتىدۇ، چەت ئەلگە چېتىشلىق تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. 14-چېسلا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چەت ئەلگە ئالاقىدار تەپتىش خىزمىتى يىغىنىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردىكى چەت ئەلگە ئالاقىدار تەپتىشلىك خىزمىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار تەتقىقات، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرى، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

 جۇڭگو ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: تەپتىش ئورگانلىرى جەزمەن ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «چەت ئەلگە چېتىشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى يۇقىرى يۈكسەكلىك، يۇقىرى ئۆلچەمدە ماس ئالغا سىلجىتىشى كېرەك».

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەپتىش ئورگانلىرى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك، خەلقئارا زەھەر ياساش-سېتىش، چېگرا ھالقىپ قىمار ئويناش، تور زوراۋانلىق-تېررورلۇقى، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، چېگرا ھالقىپ ئادەمنى ئالداپ سېتىش، دۆلەت (چېگرا) چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش، چېگرا ھالقىپ قانۇنسىز قۇم-شېغىل ئېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئورتاق جازالاپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى جىنايەتلەرنى چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، يۇشۇرۇن كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章