ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بويىچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش تىپىك دېلولىرىنى ئېلان قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلىكتە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بويىچە بەش تىپىك جىنايەت دېلوسىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق ئائىلە زۇلۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، زوراۋانلىق قىلغۇچىلار، زوراۋانلىق قىلماقچى بولغانلارغا قارىتا كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى.
بۇ بەش تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە: جاۋابكار شيې XXنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى؛ جاۋابكار جاۋ XXنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى؛ جاۋابكار لياڭ XXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش دېلوسى؛ جاۋابكار ليۇ XXنىڭ خورلاش، قوش ئۆيلىنىش دېلوسى؛ جاۋابكار ۋاڭ XXنىڭ كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش دېلوسى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىپىك دېلولاردا كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلار سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئائىلە زۇلۇمى ۋاسىتىسى رەھىمسىز ياكى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى، مەسىلەن، جاۋابكار شيې XXنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا، شيې XX يىل بويى قىمار ئويناشقا مەپتۇن بولۇپ، كۆپ قېتىم ۋېن XXنى سەۋەبسىز ئۇرغان، ھاقارەتلىگەن، ۋېن XX سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان. شيې XX ۋېن XX نى ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەھدىت سالغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ۋېن XXكە نەچچە پىچاق تىقىپ، ئۇنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەلق سوت مەھكىمىسى شيې XXكە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شيې XXكە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزاق مۇددەت ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، زۇلۇمغا چىدىيالماي، زۇلۇم سالغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەرگە قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ سەۋەبى، قىلمىش خاراكتېرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ خاتالىقى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان. جاۋابكار جاۋ XXنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا، جاۋ XX ليۇ XX نىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئائىلە زۇلۇمىغا چىدىيالمىغاچقا، غەزەپلەنگەن، قورقۇپ كەتكەن ھالەتتە، ئائىلە زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەسەبىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ليۇ XXنى ئۆلتۈرگەن. ئارقىدىن جاۋ XX 110 دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن جىنايەتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئۇنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە «قىلمىشى بىرقەدەر يېنىك» دەپ بېكىتىپ، كەڭچىللىك بىلەن جازا بەردى.
بۇنىڭدىن باشقا، تىپىك دېلولاردا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ ئەدلىيە نوپۇزى قەتئىي قوغدالدى، جاۋابكار ۋاڭ XXنىڭ كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش دېلوسىدا، جاۋابكار ۋاڭ XX نىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى ئىمزالاپ تارقاتقان جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە كېسىمىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇپ، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان. خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايەت بېكىتىپ جازالاپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرۇيى ۋە نوپۇزىنى تولۇق قوغداپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟