شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس

时事   2024-11-28 09:02   北京  

سودا مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ 29 جۇڭگو كارخانىسىنى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىكى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز

يېقىندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ 29 جۇڭگو كارخانىسىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلمىشىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، «كىشىلىك ھوقۇق» نامى بىلەن زومىگەرلىك قىلىش تىپىك ئىقتىسادىي تەھدىت قىلمىشى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

بۇ باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا تەرەپ ھېچقانداق ھەقىقىي دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، دۆلەت ئىچى قانۇنىغا ئاساسەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنى شىنجاڭدىن ماتېرىيال سېتىۋالىدۇ ياكى شىنجاڭلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ دېگەن سەپسەتىگىلا ئاساسەن جازا يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى سىياسىي نەيرەڭۋازلىق ۋە قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يولسىزلارچە بېسىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى

12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章