خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىش ئەدەپنىڭ جۈملىسىدىندۇر

时事   2024-11-28 23:20   北京  


人最大的教养,就是和颜悦色

بىر ئادەمنىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىسى دەل خۇش چىراي بولغانلىقىدا

ღ ღ ღ

对陌生人和颜悦色,是礼。


ناتونۇش كىشىلەرگە خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىش ئەدەپنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 

你对待别人的态度,就是将来别人对待你的态度,唯有和颜悦色宽待他人,才有可能得到热情的回应。


سىزنىڭ باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەڭىز دەل كەلگۈسىدە باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان مۇئامىلىسىدۇر، باشقىلارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئاندىن قىزغىن جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. 

在知乎上曾有这样一个问题:“为什么了解一个人要看他对陌生人的态度?”


جىخۇ تورىدا: «بىر ئادەمنى چۈشىنىشتە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ناتونۇش كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراش كېرەك؟» دېگەن بىر سوئال سورالغان.

其中有一个答案令人印象深刻:“因为陌生人和你的利益不相关,对利益相关者的态度取决于智商和情商,对不相关者的态度取决于素质和修养。”


بۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابلار ئىچىدە مۇنداق بىر جاۋاب كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ: «ناتونۇش ئادەم بىلەن سىزنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىڭىز يوق، مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە ھېسسىيات بۆلۈنمىسىگە باغلىق، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە ساپا ۋە تەربىيەلىنىشكە باغلىق.»

看清一个人的人品和教养,就去看看他们如何对待陌生人。


بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتى ۋە تەربىيەلىنىشىنى ئېنىق كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ناتونۇش كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. 

不管是服务员还是农民工,凡是受到过良好教养的,必定会懂得去尊重他人。


مەيلى مۇلازىم ياكى دېھقان ئىشلەمچى بولسۇن، ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكى ئادەم بولسا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ. 

有两则新闻,看完让人心生感悟:


تۆۋەندىكى ئىككى خەۋەر كىشىنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ:

公交车刚到站,一名穿着讲究的女士和一位身上带泥的工人大叔一起上车。


ئاپتوبۇس بېكەتكە كېلىپ تۇرۇشىغا، كىيىم-كېچەككە دىققەت قىلىدىغان بىر خانىم بىلەن ئۈستى-بېشى لاي بولۇپ كەتكەن بىر ئىشچى تاغا بىللە ئاپتوبۇسقا چىقتى. 

女士为了占位置,车刚停稳就匆匆往里抢,撞到了大叔还不打紧,可她一点歉意都没有,还不友善地翻着白眼讽刺着:“农名工还坐车,衣服这么脏,能不能注意点。”


خانىم ئورۇن ئىگىلەش ئۈچۈن، ماشىنا توختىشىغىلا ئالدىراپ-تېنەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ھېلىقى تاغاشنى سوقۇۋېتىپمۇ ھېچنىمە بولمىغاندەك تۇرۇپ، قىلچە كەچۈرۈم سورىمىدى، يەنە بىزار بولغان ھالدا كۆزىنى ئالايتىپ، مەسخىرە قىلىپ: «دېھقان ئىشلەمچىمۇ ماشىنىدا ئولتۇرامدىكەن، كىيىمى شۇنچە مەينەت بولغاندىكىن، دىققەت قىلسا بولمامدۇ»، دېدى.

大叔特别不好意思,讪讪地低下头,也没在一旁的空位坐下,直接站在车门旁,也没有作声。


تاغاش ناھايىتى خىجىل بولۇپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بىر چەتتىكى بوش ئورۇندىمۇ ئولتۇرماي، ماشىنا ئىشىكىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۈندىمىدى. 

而在另一个城市,由于突降大雨,导致交通堵塞。一名交警仍冒雨执勤,一位女司机主动下车,将一把绛红色大伞撑到交警头上,为其挡雨。


يەنە بىر شەھەردە، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قاتناش توسۇلۇپ قالدى. بىر قاتناش ساقچىسى يامغۇرغا قارىماي ۋەزىپە ئىجرا قىلدى، بىر ئايال شوپۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىر دانە قىزىل رەڭلىك كۈنلۈكنى قاتناش ساقچىسىنىڭ بېشىغا تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يامغۇرنى توسۇپ بەردى. 

事后了解,这名女司机与交警并不相识,女司机却足足为这个陌生交警撑了5分钟的雨伞,直到交通恢复畅通,才留下雨伞,低调开车离开。


ئىشتىن كېيىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال شوپۇر قاتناش ساقچىسى بىلەن تونۇشمايدىكەن، لېكىن ئايال شوپۇر بۇ ناتونۇش قاتناش ساقچىسى ئۈچۈن بەش مىنۇت كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىپ، قاتناش راۋانلاشقاندىن كېيىن ئاندىن كۈنلۈكنى قالدۇرۇپ، كەمتەر ھالدا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئۇ يەردىن ئايرىلغان. 

什么是教养?就是能站在对方的角度去思考问题,懂得每个人都不容易。


تەربىيە كۆرۈش دېگەنلىك دەل قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈش، ھەممە ئادەمگە ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىشتۇر. 

对待陌生人不是干瘪单薄的客套,而是推己及人的和颜悦色,这就是你的教养。


ناتونۇش كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا يالغان تەكەللۇپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىچىدىن چىقىرىپ باشقىلارغا خۇش چىراي بولۇش دەل تەربىيە كۆرگەنلىكتۇر. 


ღ ღ ღ

对父母和颜悦色,是孝。


ئاتا-ئانىسىغا خۇش چىراي بولۇش ۋاپادارلىقتۇر. 

在一次访谈中,杨澜曾问周国平:“为什么我们都把好脾气留给外人,却把坏脾气留给最爱的人?”


بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ياڭ لەن جوۋ گوپىڭدىن: «بىز نېمە ئۈچۈن ياخشى مىجەزىمىزنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ، يامان مىجەزىمىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزگە قالدۇرىمىز؟» دەپ سورىغان. 

连这位一向儒雅的哲学家也说:“这个错误,我也常常犯。”


ھەتتا ئەزەلدىن بىلىملىك بۇ پەيلاسوپمۇ: «بۇ خاتالىقنى مەنمۇ دائىم سادىر قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. 

周国平还说:“对亲近的人挑剔是本能,但克服本能,做到对亲近的人不挑剔是种教养。”


جوۋ گوپىڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەش تۇغما قابىلىيەت، لېكىن تۇغما قابىلىيەتنى يېڭىپ، يېقىنلىرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەسلىك بىر خىل تەربىيە كۆرگەنلىكتۇر.»

生活中,我们和不同的人相处,会展现不同的态度。


تۇرمۇشتا، بىز ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيەنى نامايان قىلىمىز. 

陌生人前是规矩礼貌,疏离中带着客气;


ناتونۇش كىشىلەر ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇپ، يىراقلىشىش داۋامىدا تەكەللۇپ قىلىمىز؛

同事之间可以开几句熟络玩笑,但始终不失分寸;


خىزمەتداشلارئارا بىر نەچچە ئېغىز چاقچاق قىلساق بولىدۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر لايىقىدا بولۇشى كېرەك؛ 

普通朋友嘘寒问暖,亲近但不亲密;


ئادەتتىكى دوستلارئارا ھال سورىشىمىز، يېقىنلىق قىلىمىز، لېكىن قىزغىن ئەمەس؛

在亲近的人,尤其是父母面前本性却完全暴露无遗。


يېقىنلىرىمىز، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا تەبىئىتىمىز پۈتۈنلەي ئاشكارا بولىدۇ. 

孔子讲,孝敬父母最难的事情是“色难”,就是说最难的是给父母好脸色。


كۇڭزى: ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشتىكى ئەڭ قىيىن ئىش دەل ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر، دېگەن ئىكەن. 

给父母买好房子,请保姆,吃大餐,去旅游,是物质上给父母的享用,这是低层面的“孝”。


ئاتا-ئانىسىغا ئۆي ئېلىپ بېرىش، ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىش، ئېسىل تاماق يېگۈزۈش، ساياھەت قىلدۇرۇش، ماددىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىسىنى بەھرىمەن قىلىش ئەمەلىيەتتە تۆۋەن قاتلامدىكى ۋاپادارلىقتۇر. 

而高层面的“孝”,应该表现为对父母精神上的敬重和感情上的安慰。

يۇقىرى قاتلامدىكى ۋاپادارلىق بولسا ئاتا-ئانىغا بولغان روھىي ھۆرمەت ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تەسەللى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 

所以,能对父母能做到和颜悦色,也是最大的教养。


شۇڭا، ئاتا-ئانىغا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىشمۇ ئەڭ چوڭ تەربىيە كۆرگەنلىكتۇر. 

著名作家史铁生双腿瘫痪后,脾气变得喜怒无常,经常对母亲发脾气。

داڭلىق يازغۇچى شى تيېشېڭنىڭ ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، مىجەزى تۇراقسىزلىشىپ، دائىم ئانىسىغا ئاچچىقلىنىدىكەن. 

然而母亲即使身患肝病,口吐鲜血,心里口里记挂着的还是自己的儿子。


ئەمما، ئانىسى جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قان قۇسقان بولسىمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا ئوغلىنى ئويلايدىكەن. 

后来母亲死了,史铁生才突然醒悟:这倔强只留给我痛悔,丝毫也没有骄傲。我真想告诫所有孩子,千万不要跟母亲来这套倔强,我已经懂了,可我已经来不及了。


كېيىن ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، شى تيېشېڭ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ: بۇ جاھىللىق ماڭا پەقەت پۇشايماننىلا قالدۇردى، قىلچە ئىپتىخارلىق يوق. بارلىق بالىلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىدۇ، ھەرگىز ئاپاڭلارغا بۇنداق جاھىللىق قىلماڭلار، مەن بۇلارنى چۈشەنگەندە ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم، دەيدۇ. 

“色难”难在何处?难在很难有一颗恭敬的心,难在没有一个谦和的态度。


چىراي ئېچىش نېمىشقا تەس؟ ئۇنىڭ تەس يېرى شۇكى، ھۆرمەتلەيدىغان بىر يۈرەك، كەمتەر بىر پوزىتسىيەنىڭ بار بولۇشى ناھايىتى تەس. 

我们好像变得很厉害,动不动就把父母当佣人一样使唤,稍微有不顺心就对父母一通发泄,从来不给他们好脸色看。


بىز بەك يامان بولۇپ كەتكەندەك، ھە دېسىلا ئاتا-ئانىمىز بىزگە چاكاردەك ئىشقا سالىمىز، ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئاچچىقىمىزنى ئاتا-ئانىمىزدىن چىقىرىمىز، ئەزەلدىن ئۇلارغا چىراي ئاچمايمىز. 

我们不经意的态度,往往伤害他们最深。


بىزنىڭ دىققەت قىلمىغان پوزىتسىيەمىز ھەمىشە ئۇلارغا ئەڭ چوڭقۇر ئازار يەتكۈزىدۇ. 

所以“色悦”成了衡量一个人孝心的道德标尺。


شۇڭا «خۇش چىراي بولۇش» بىر ئادەمنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

真心爱父母,应该和颜悦色,从内心深处发出微笑,让他们感到快乐,幸福。


ئاتا-ئانىسىنى چىن كۆڭلىدىن سۆيسە، ئۇلارغا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كۈلۈمسىرەپ، ئۇلارغا خۇشاللىقنى، بەختنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. 


ღ ღ ღ

对爱人和颜悦色,是爱。


جورىسىغا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىش مۇھەببەتتۇر. 

爱人,是这个世界上,虽然没有血缘关系,却要相伴最久的人。


جورىسى بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن ھەمراھ بولىدىغان ئادىمىدۇر. 

对爱人的态度,藏着一个人最真实的教养。


جورىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. 

几年前有部名叫《不要和陌生人说话》的大热电视剧。


«ناتونۇش ئادەمگە گەپ قىلماڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. 

男主角安嘉禾有体面的工作,洁净的外表,温和的言谈。


ئەر باش پېرسوناژ ئەن جياخېنىڭ خىزمىتى ياخشى، تاشقى قىياپىتى پاكىز، سۆزلىرى مۇلايىم. 

工作上救死扶伤,滴水不漏;为人谦卑有礼,无懈可击。在外人看来,他不仅懂礼,而且守节,几乎是个一等一的好男人。


خىزمەتتە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، كىشىلەرگە كەمتەر، ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، كەم-كۈتىسىز ئەر دېيىشكە بولىدۇ. ياتلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇ ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە تەلەپچان، بىرىنچى دەرىجىلىك ياخشى ئەر. 

但是,当他站在爱人梅湘男面前,他的暴戾、粗鄙、狰狞、恐怖、歇斯底里全部暴露,他变成了恶魔,变成了人渣,变成了暴徒,变成了罪犯,变成了虐待狂。


لېكىن، ئۇ ئايالى مېي شياڭنەننىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ زالىملىقى، قوپاللىقى، رەزىللىكى، ۋەھىمىلىكلىكى، ئەسەبىيلىكى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىدۇ، ئۇ ئالۋاستىغا، داشقالغا، زوراۋانغا، جىنايەتچىگە، خورلاش تەلۋىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. 

他寻找各种借口,对自己的妻子施暴,打得她奄奄一息,双腿残疾,人生无望。


ئۇ ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ ئايالىغا زورلۇق قىلىپ، ئايالىنى ئۇرۇپ ئۆلەر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئايالىنىڭ ئىككى پۇتى مېيىپ بولۇپ، ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. 

安嘉禾算是个有教养的人吗?如果说教养就是一个人骨子里的和颜悦色,那么,100分的教养试卷,他能得负100分。


ئەن جياخې تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر تەربىيە كۆرۈشنى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خۇشخۇيلۇق دېسەك، ئۇنداقتا 100 نومۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزىدە ئۇ مىنۇس 100 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. 

很多时候,人在外面受了委屈或承受一些压力,没有办法发泄出来,只好对亲密的人发泄。


كۆپ ۋاقىتلاردا، ئادەم سىرتتا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا ياكى بەزى بېسىملارغا دۇچ كەلسە، ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، ئاچچىقىنى يېقىنلىرىدىن چىقىرىدۇ. 

的确,爱人是跟自己关系最亲密的人。但关系亲密并不意味着能无止境地无理取闹,没有人天生就该承担他人的情绪发泄。


جورىمىز بىز بىلەن ئەڭ يېقىن ئادەم. لېكىن، مۇناسىۋەتنىڭ يېقىن بولۇشى چەكسىز ھالدا يولسىزلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھېچكىممۇ باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئادەم بولۇش ئۈچۈن تۇغۇلمىغان. 

胡适的妻子江冬秀是出了名的“母老虎”,脾气极大。


خۇ شىنىڭ ئايالى جياڭ دۇڭشيۇ نامى چىققان «چىشى يولۋاس» بولۇپ، ئاچچىقى بەك يامان ئىدى. 

每次江冬秀发脾气,大喊大叫时,胡适就躲到厕所里,借口要漱口,故意把牙刷搁进口杯里,把声音弄得很响。


ھەر قېتىم جياڭ دۇڭشيۇ ئاچچىقلاپ ۋارقىراپ-جارقىرىغاندا، خۇ شى ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىپ، ئېغىز چايقاشنى باھانە قىلىپ قەستەن چىش چوتكىسىنى ئىستاكانغا سېلىپ، ئاۋازنى ناھايىتى ئۈنلۈك چىقىراتتى. 

如此这般,避免正面冲突,让彼此好受。


مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق يۈزمۇيۈز توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ، بىر-بىرىنى ئايايتتى. 

胡适曾在《我的母亲》里提到:世间最可厌恶的事莫如一张生气的脸;世间最下流的事莫如把生气的脸摆给旁人看。这比打骂还难受。


خۇ شى ئىلگىرى «ئانام» ناملىق ئەسىرىدە: دۇنيادا ئاچچىقلانغان چىرايدىنمۇ بەكرەك يىرگىنىشلىك نەرسە يوق، دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئىش ئاچچىقلانغان چىرايىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشتۇر. بۇ، ئۇرۇش-تىللاشتىنمۇ ئازابلىق، دەپ يازغان. 

他说到做到,从不给妻子一张生气的脸。


ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن ئايالىغا خاپا بولغان چىرايىنى كۆرسەتمەيتتى. 

其实,和颜悦色是深爱的外在表现。真正有教养的人,是把好的情绪和态度留给爱人。


ئەمەلىيەتتە خۇش چىراي بولۇش چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ تاشقى ئىپادىسى. ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن ئادەم ياخشى كەيپىيات ۋە پوزىتسىيەنى سۆيگەن ئادەملىرىگە قالدۇرىدۇ. 

一辈子那么短,我们总该择一个心里有暖意的人相处,彼此温柔相待。


بىر ئۆمۈر شۇنچە قىسقا، بىز قەلبى ئىللىق ئادەم بىلەن چىقىشىپ، ئۆزئارا مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. 


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلى

 خەيرلىك كەچ: ئالىيجانابلىقىنى نامايان قىلىدىغان مەنىۋىي قىياپەت

 خەيرلىك كەچ: ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، قايسى شەھەرگە بارسا ئەڭ ياخشى؟

 خەيرلىك كەچ: بۇ تۆت پىرىنسىپنى چۈشەنسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ياشايسىز

 خەيرلىك كەچ: ئائىلىسىگە قىيمايدىغانلار زادى نېمىگە قىيمايدۇ؟

 ئاق كۆڭۈل ھاماقەتلەردىن بولۇۋېلىش ئەقىللىق بولۇشتىنمۇ تەس

 خەيرلىك كەچ: ئىچى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بەش خىل ئادىتى

 خەيرلىك كەچ: قەيسەر بولۇڭ، ئەمما  نوچىلىق قىلىشىڭىز ھاجەتسىز

 ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك دەل ئەڭ ياخشى ۋاپادارلىقتۇر

◇ خەيرلىك كەچ: ئۈلگۈرەلمىدىڭىز ئەمەس، بەلكى بەك ئالدىراپ كەتتىڭىز





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章