دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ زەھەر چەكلەش مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆزى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ زەھەر چەكلەش مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆزى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
سوئال: ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن فېنتايل قاتارلىق زەھەر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، لېكىن قىلچە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. زور مىقداردىكى زەھەر ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرگەچكە، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق بارلىق تاۋارلاردىن % 10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو دۇنيادىكى زەھەر چەكلەش سىياسىتى ئەڭ قاتتىق، ئىجرا قىلىنىشى ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. فېنتايل ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى. ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بويىچە، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ فېنتايل تۈرىدىكى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىدى. 2019-يىلى، جۇڭگو فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى پۈتۈن تۈر بويىچە رەسمىي باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى رەسمىي پۈتۈن تۈر بويىچە باشقۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەڭ، چوڭقۇر بولغان زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ھەممىگە ئايان.
جۇڭگو تەرەپ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ياخشى نىيىتىنى قەدىرلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى
12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى