ئەنجۈر تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى، 10 خىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ۋىتامىن بار، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن A، C نىڭ مىقدارى ئالاھىدە مول، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مول سېلىنلىق مېۋە بولۇپ، تەركىبىدىكى سېلىن مىقدارى يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ 100 ھەسسىسىگە، سامساقنىڭ 400 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ؛ تەركىبىدە% 20 ئەتراپىدا مېۋە شېكىرى ۋە گلۇكوزا بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇ. شۇڭا، ئەنجۈرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ.
ئەنجۈر ئاشقازان-ئۈچەيلىرىمىزنى ساغلام قىلىپ، ئەنجۈر ئېنزىمى بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ،ئىشتىھاسى ناچارلار ھەر كۈنى ئەنجۈر يەپ بەرسە، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە، تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، گېموروي، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
ئەنجۈرنىڭ تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ياغ ئېنزىمى، ئاقسىل ئېنزىمى، ھىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ماي بولغاچقا، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە تۆۋەندىكىدەك مۆجىزىلىك رولى بار.
01
ئەنجۇر بىلەن بوۋاسىر ۋە گېموروينى داۋالاش
سىسىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا ھازىر 10 ئادەمنىڭ9دا بوۋاسىر، قەۋزىيەت، تەرەتتىن قان كېلىش، مەقئەت ئەتراپى نەم بولۇش، قىچىشىش، مەقئەت ئاغرىش قاتارلىق ئاغرىقلار بار ئىكەن.
ماتىريال: يېڭى ئەنجۈردىن 10 تال.(قۇرۇق ياكى ھۆل بولسىمۇ بولىدۇ)
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەنجۇۈرنى قۇم قازانغا سېلىپ، 2000 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىش. قاينىتىلغاندىن كېيىن 1500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولغاندا، پاكىز داسقا تۆكۈپ، پىشقان مېۋىنى سۈزۈپ ئېلىپ قاچىغا ئېلىپ تەييارلايمىز.
داۋالاش ئۇسۇلى: دورىنى بىر كۈندە ئۆلچەپ، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختا پەلكۈچنى قاينىتىلغان سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ، بىر تەرەپتىن ھورداپ، بىر تەرەپتىن جاراھەت ئورنىنى يۇيۇش، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت يۇيۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاينىتىلغان ئەنجۈردىن بەش تال يېيىش، ئادەتتە 3-4 خىل دورىنى ئۇدا ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈش، داۋالاش مەزگىلىدە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك.
ئۇسۇل 2
يېڭى ئەنجۈر يوپۇرمىقىدىن 10 تال.
تەييارلاش: يېڭى ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، جاراھەت ئورنىنى ھەر كۈنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا ھورداپ يۇيسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر قېتىمدا ئاغرىق توختىتىپ، ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئىشلەتكەندىن كېيىن بوۋاسىر ياخشىلنىشقا باشلايدۇ.
02
ئەنجۈر بىلەن كىكىردەك كېسەلىكلىرنى پەسەيتىش
ئەنجۈردىن ئىككى تالنى قايناق سۇغا دەملەپ، چاي ئورنىدا پات-پات ئىچىش يۇتقۇنچاق، كىكرەدك كېسەلىكلىرنى پەسەيتىدۇ.
ئەنجۈردىن 15 گىرام تەييارلاپ، سۇدا قايناتقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ چاي ئورنىدا پات-پات ئىچىشكە بولىدۇ.
03
ئەنجۈر بىلەن راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش
ئەنجۈر سۈت ئۆسمىسى، ئاق قان كېسىلى، لىمفا ساركومىسى قاتارلىقلارنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ. كلىنىكىدا ھەر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
يېمەكلىك رېتسېپى: يېڭى ئەنجۈردىن 50 گىرام، قارا گۆشتىن 100 گىرام، سۇدا يېرىم سائەت دۈملەپ شورپا قىلىپ ئىىچپ بەرسە بولىدۇ. ئەنجۈردىن 15 گىرام تەييارلاپ، قايناق سۇغا چاي دەملەپ، كۈندە ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
04
ئەنجۈر بىلەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش
ئەنجۈر سۈيىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرگەندە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
يېمەكلىك رېتسېپى: ئەنجۈر 15 گىرام، ئالقات 10 گىرام، سۇ قوشۇپ قاينىتىلىدۇ. چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ئەنجۈردىن 50 گىرام، ئاچچىق كاۋىدىن 100 گىرام يالپاقلاپ توغراپ، سۇدا قاينىتىپ، تەمىنى تەڭشەپ، ئۇدا 7-10 كۈن ئىچسە بەرسىمۇ بولىدۇ.
05
ئەنجۈر بىلەن قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش
ئەنجۈر تەركىبىدىكى ياغ فېرمېنتى، گىدرولىزلىغۇچى فېرمېنت قاتارلىقلار قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە قاندىكى ماينى پارچىلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ماينىڭ قان تومۇرلاردا چۆكۈۋېلىشىنى ئازايتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
06
ئەنجۈر ھەزىم قىلىشنى ياخشىشلاش
ئەنجۈرنى ئېلىپ، ئۇششاق توغراپ، يېرىم ئوتتا قورۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، قايناق سۇغا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ.
ئەنجۈر ناھايىتى ياخشى مېۋە، كۆرۈنۈش سۈزۈك، تەمى تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، نۇرغۇن يېگەنلەرنىڭ نەزىرىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەنجۈردىن يەنە مۇنداق تاماقلارنىمۇ تەييار قىلغىلى بولىدۇ، سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
01
ئەنجۈر ئۇمىچى
ماتېرىيال: ئەنجۈر 30 گرام، يۇمىلاق گۈرۈچ 50 گرام، چىلان 2 تال، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ، % 80 پىشقاندا، پوستى سويۇۋېتىلگەن ئەنجۈر بىلەن چىلاننى سېلىپ قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
شىپالىق رولى: بۇ ئۇماچ تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
02
ئەنجۈر موگۇ شورپىسى
ماتېرىيال: يېڭى ئەنجۈر 200 گرام، موگۇ 100 گرام، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، سامساق مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەنجۈرنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق چاناپ، موگۇنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، قازانغا بىللە سېلىپ، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، سامساقنى سېلىپ، سۇدا 20 مىنۇت دۈملەپ قاينىتىپ، تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
شىپالىق رولى: بۇ شورپىنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولى بار.
03
ئەنجۈر يەرلىك توخۇ گۆشى دۈملىمىسى
ماتېرىيال: يېڭى ئەنجۈردىن 200 گىرام، يېرىم توخۇ، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، سامساق مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئەنجۈرنى پاكىز يۇيۇپ، توخۇ گۆشىنى پارچىلاپ پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، سامساق ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، پىششىق پىشقىچە قاينىتىپ، ئاندىن تۇز، تېتىتقۇ، غولپىياز سېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
شىپالىق رولى: بۇ رېتسېپنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار.
04
ئەنجۈر قىزىل تۇرۇپ قارا گۆش شورپىسى
ماتېرىيالى: قۇرۇق ئەنجۈر 4-6 تال، سەۋزە 1 تال، ئورۇق گۆش 200-300 گىرام، تۇز، سۈزۈك سۇ 3-4 قاچا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇششاق توغراپ،گۆشىنى چوڭ توغرايمىز. (گۆشىنى ئەڭ ياخشىسى سۇغا سېلىپ، قان سۈيىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك) ، پاكىز يۇيۇلغان ئەنجۈر، سەۋزە، گۆشىنى قۇم قازانغا سېلىپ 3-4 چىنە سۈزۈك سۇ قۇيىمىز. چوڭ ئوتتا 10 مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن، تۆۋەن ئوتتا يەنە 40-50 مىنۇت قاينىتىمىز. تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
رولى: بۇ شورپىنىڭ يۇتقۇنچاقنى تازىلاش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، يەنە بەدەندىكى ماينى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە خورىتىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ