250 مىليوندىن ئاشتى! چېگرا سىرتىدىكى بانكا بىرلەشمە كارتىسىنى جىفۇباۋ، ۋېيشىنغا باغلاپ پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك تارماق شىركىتى بانكا بىرلەشمىسى خەلقئارا شىركىتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چېگرا سىرتىدا تارقىتىلغان بانكا بىرلەشمە كارتىسىنى جىفۇباۋغا باغلاشنى ئومۇميۈزلۈك قوللىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋېيشىندا پۇل تۆلەشمۇ بۇ مۇلازىمەتنى ئېچىپ قوللىدى. يەنى بۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملار جىفۇباۋ App ياكى ۋېيشىن App سىنى چۈشۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى يەرلىكتە تارقىتىلغان بانكا بىرلەشمە كارتىسىنى باغلىسا، چېگرا ئىچىدىكى ئابۇنىچىلارغا ئوخشاش كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يېڭى چىقىم قىلىش ئەندىزىسى چەت ئەللىك خادىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشى، خىزمەت قىلىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىش قولايلىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ
بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ