كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز يىمەك - ئىچمەك ۋە ھەرخىل سەي- كۆكتات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلكىلىرى بىلەنمۇ ھەرخىل كېسەللەرگە يەرلىك رىتىسىپ تەييارلاشنى ئۆگىنىپ قۇيشىمىز كېرەك، تۆۋەندە بىز ئائىلىدە يۆتەلنى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن داۋالاش رىتىسىپنى ئەپ كەلدۇق.
1. قۇيرۇق ماي- مۇۋاپىق مىقداردا قۇيرۇق ماي تەييارلاپ، نۇقۇت چوڭلىقتا توغراپ تەييار قىلىمىز،
ئاندىن كېيىن داتلاشماس قازاندا توغراپ تەييار قىلغان قۇيرۇق ماينى كۆيدۈرۈىمىز.
2. توغرالغان سامساق- ئادەتتە ئېھتىياجىمىزغا قاراپ تۆت بەش چىش سامساقنى بۇغداي شەكلىگە كەلتۈرۈپ چوڭ كىچىكلىكىنى دىمەكچى، توغراپ تەييار قىلىمىز، سامساقنى ئىزىپ سۇيۇقلاندۇرۇپ قىلىشقا بولمايدۇ.
3. توغراپ تەييار قىلۋالغان سامساق بىلەن قۇيرۇق ماينى داتلاشماس قازاندا قۇرۇيمىز، يەنى سامساق رەڭگى قىزارغىچە قۇرۇپ بۇنىڭدىن چىققان شىرنىسىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن چۈش كەچتە ئۈچ ۋاق بىر قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسەك بۇلىدۇ، بۇ رىتسىپنى بالىلار ھەم چوڭلامۇ ئورتاق ئىشلەتسە بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش : يۇقىردا دىيىلگەندەك سامساق بىلەن قۇيرۇق ماينى چۇقۇم ياخشى تاللاش كېرەك، بۇلۇپمۇ قۇيرۇق ماي تاللىغاندا چۇقۇم يېڭى قۇيرۇق ماينى ئالدىن تاللىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ قالغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ قۇيرۇق ماينى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ياقتۇرغان بولسىڭىز چەمبىرەككە ۋە دوستلىرڭىزغا يوللاپ قويۇڭ باشقىلارمۇ پايدىلنىپ قالسۇن.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ