بالام يۈرەك سوقۇشىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

文摘   2024-11-09 23:59   中国  


شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىكى تۇغۇلغىنىغا 100 نەچچە كۈن بولغان ئۇيغۇر بوۋاق ئون نەچچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ، قىزىتمىسى يانماسلىق، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىدى. 

مۇناسىۋەتلىك دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بوۋاقنى چوقۇم تېزدىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالاش كېرەك ئىكەن.

ئەمما بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسى ئەما، ئانىسى مېيىپ بولۇپ، ئۇلار بالىنى يىراققا ئاپىرالمايتتى. ئاخىرىدا كۆپ تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بوۋاق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن چېڭدۇغا جىددىي يۆتكەلدى.

نۇرغۇن كىشى بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بەس-بەستە بالىغا پۇل ئىئانە قىلدى. 



saybag
你好。欢迎
 最新文章