كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
11-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو ۋاكسىنا كەسپى جەمئىيىتى بىلەن كېشىڭ شىركىتى بېيجىڭدا بىرلىكتە «سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى. جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، چىلىدىن كەلگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساھەسىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە سۇ چېچىكىنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ھەم تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلانلاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ ۋېنجوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ چېچىكى سۇ چېچەك-بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك نەپەس يولى كېسەللىكى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنى ئەڭ كۆپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، نۆۋەتتە پەقەت كېسەللىككە قاراپ داۋالاشقىلا بولىدۇ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگودا سۇ چېچىكىنىڭ دوكلات قىلىنغان قوزغىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم 15 ياشتىن ئاشقانلاردا كېسەللىك كۆرۈلۈش تەدرىجىي كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. يۈ ۋېنجوۋ مۇنداق دېدى: 2006-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، سۇ چېچىكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇنىۋېرسال مەكتەپ ۋە داشۆدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %82.80، %13.64، %2.37 ۋە %0.76 بولدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، داشۆ ياكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر دوكلات قىلغان سۇ چېچىكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى تەدرىجىي كۆپەيدى، قىسمەن ئۆلكىلەردىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر كېسەللىنىش نىسبىتى تەدرىجىي ھالدا ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان توپقا ئايلاندى. يۈ ۋېنجوۋ مۇنداق دېدى: بۇ يۈزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب شۇكى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇ چېچىكى تۇيۇقسىز يۈزبېرىش ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن، يۈزبېرىش كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاق بولدى. شۇڭا ياش-ئۆسمۈرلەردىكى سۇ چېچىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى