ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىشى مۇمكىن

时事   2024-11-08 09:02   北京  

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى قانۇن لايىھەسىنى ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش: يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارغا تەن جازاسى بەرسە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۆمۈرلۈك چەكلىنىشى مۇمكىن

4-چېسىلا، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپ قانۇنى لايىھەسىنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

لايىھەدە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدا جازالىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

1.بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش؛

2. بالىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خورلاش، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش؛

3. كەسىپ ئەخلاقى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش.

 يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالغا قارىتا تۇرۇشلۇق بالىلار باغچىسى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئەھۋالغا قاراپ توختاملاشقۇچىلار، بالىلار باغچىسى مەسئۇلىغا چارە كۆرىدۇ، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى ياكى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە تاكى بىر ئۆمۈر ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ياكى يەسلى قۇرۇشىنى مەنئى قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章