ئەڭ يېڭى ئەسەر : قېرى قىز 2- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-05 11:01   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

2- قىسىم

شۇ يىللاردىكى قىزغىنلىقمىز، گۈزەل ئارزۇ -ئىستەكلەرگە تولغان قايناق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىز، شاد كۈلكىلىرىمىز ھەم پىنھان ئازابلىرىمىزغا ئۈنسىز ھەمرا بولغان گۈزەل ئانا مەكتىپىمىزدىن ئايرىلىپ، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» دېگەن يوغان ھەم چىرايلىق نامنى ئېلىپ، يۇرتلىرىمىزغا تارقىلىپ، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە خاس خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئائىلىمىزنى گۈللەندۈرۈپ، ھاياتىمىزنى بىزەپ، چوڭ-كىچىك تۆھپىلىرىمىز بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسىمىزنى قوشۇپ ياشاۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ،ساۋاقدىشىمىز ئاسىيەنىڭ ئىككىنجى تويىدا جەم بولغان ساۋاقداشلار بۇ توينى ساۋاقداشلار يىغىلىشغا ئايلاندۇرىۋەتىكىلى تاسلا قالدۇق ھەم يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ھىچكىم بىلەن ئالاقىلاشمىغان، بىزنىڭ ئېسىمىزدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ساۋاقدىشىمىز گۈلزىبانىڭ خەۋرى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى ھەم تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.
*** *** ***
ئاسىيەنىڭ تويىغا رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. بۇ گەرچە ئۇنىڭ ئىككىنجى تويى بولسىمۇ، قىز-يىگىت ھەرئىككىلىسى بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىمىز بولغاچقا تويغا كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى بولۇپ، توي بەكمۇ قىززىپ كەتتى. ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە تويماي قارىشاتتى، گەرچە ھەممەيلەن ئاللىقاچان قىرىق ياشلاردىن ھالقىپ كەتكەن، تۇرمۇشقا پىشقان، تەمكىنلەشكەن بولساقمۇ قىلىقلرىمىز، قىزغىنلىقلىرىمىز ئەينى يىللاردىكى يىگىرمە ياشلىق ۋاقتىمىزدىكىگە ئوخشاش ئىدى. « ئادەم دېمەتى بىلەن قېرىمايدۇ»دېگەن سۆز بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان ئىكەن. بىز بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق دەۋرىمىزنىڭ گۈۋاھچىلىرى ھەم سىرداش، ھەمراھلىرى بولغىنىمىز ئۈچۈن كىچىك بالىلاردەك بۇ قىلىقلىرىمىز ھىچقايسىمىزغا غەيرى بىلىنمىگەن ۋە شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەكلا ئىنتايىن تەبئى ھالدا كىچىكلەپ كەتكەن ئىدۇق.
-سەن سىنىپ باشلىقى بولغاندىكىن يوقلىما قىلغىنە گۈلزىبا!
-يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ھەي، مېنى ئالماشتۇرمامسىلەر ئەمدى؟ ئەرلەردىن بىرسى سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالسۇنچۇ!
-ياق، ئۇنداق قىلساق ئەينى ۋاقىتتىكى تۇيغۇلىرىمىزنى تاپالمايمىز، يەنىلا سەن سىنىپ باشلىقلىقىڭنى قىلۋەر!
-راست دەيدۇ، يوقلىمىنى باشلا، تېز بول، كەلمىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ!
ئالتە نەپەر ساۋاقدىشىمىز بۇ تويغا كېلەلمىگەن بولۇپ، ئىككىسى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ كېتىپ قالغان ئىدى. ئۈچەيلەن مۇھىم ئىشلىرى سەۋەبلىك كېلەلمىگەن بولۇپ، ئۈندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق ئاسىيە بىلەن ئېرپاننىڭ تويىغا بەخت تىلگەن ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەن گۈلزىبا بولۇپ، تويى بولۇۋاتقان ئاسىيەدىن ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە توي قىلمىغانلىقىنى، بۇ يېقىندىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىننى ئاڭلىدۇق. بىزدىن ۋاقتسىز ئايرىلغان ئىككى نەپەر ساۋاقدىشمىز ۋە گۈلزىبا ئۈچۈن ئۆكۈنۈشۈپ، بىر-بىرىمىزگە سالامەتلىك، ئاسىيە بىلەن ئېرپانغا بەخت تىلىشىپ، توينى تۈگىتىپ تارقىلىشتۇق.
قايتىپ كېلىپ ھەپتىدىن كېيىن، جەنۇبى شىنجاڭ يېزىلىرىغا يېرىم يىللىق خىزمەتكە ئاجىرتىلدىم. بالىلىرىمىنىڭ ئىككىلىسى ئوقۇشتا بولغاچقا ساياھەت خارەكتىرىنى ئالغان بۇ خىزمەت ماڭا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك بىلىندى. يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ يۈرگىنىمنىڭ ئۈچىنجى كۈنى خىزمەت قىلۋاتقان يېزىنىڭ گۈزەل مەنزىلىرىنى ئۈندىدار چەمبىرىكىمگە ھەمبەھىرلەپ قويدۇم. كەچتە قارىسام نۇرغۇنلىغان ئىنكاسلار كەلگەن بولۇپ، ئاسىيە ئايرىمخانامدا ئۇچۇر قالدۇرغان ئىكەن.
-ئاداش ياخشىمۇ؟ سەن x شەھرىدىما؟
-ھەئە ئاداش، ئۆزۈڭ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئېرپانچۇ؟
-ياخشى تۇردۇم ئاداش، ئېرپانمۇ ياخشى، رەھمەت.
-قېرىغاندا تەگكەن ئېرىڭنى قەدىرلە جۇمۇ!
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭغىمۇ دەپ قوي، مېنى ئوبدان قەدىرلسىۇن. ساڭا بىرگەپ بار ئىدى ئاداش!
-دېگىنە، قۇلىقىم سەندە!
-گۈلزىبانى يوقلاپ كېلەمسەن؟ سەن ھازىر بەرىبىر شۇنىڭ يۇرتىدا ئىكەنسەن.
-بۇ قانداق گەپ؟ گۈلزىبا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا k ناھىيىسىگە كېتىپ، شۇ يەردە ئىشلەۋېتىپتىكەنغۇ؟
-توغرا، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىگىرمە يىلدىن بېرى k ناھىيىسدە ئىشلەۋاتاتتى، تويۇم بولغان كۈنىمۇ ئۇنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانتىمغۇ سىلەرگە، بۇيىل يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى سالامەتلىكى پەقەتلا ياخشى بولالماي رۇخسەت سوراپ يۇرتىغا قايتىپتىكەن، ھازىر ئورنىدىنمۇ تۇرالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى ئېرپاننىڭ دوستى ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەنمۇ شۇ ئادەمدىن ئاڭلىدىم. ئېرپان ئىككىمىزمۇ بېرىپ، گۈلزىبانى يوقلاپ كېلەيلى دېيىشكەن، لىكىن ھازىرچە بارالمايمىز. چەمبىرىكىڭگە قارىسام سەن شۇيەردە ئىكەنسەن، شوڭا ساڭا قولايلىق بولسا بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالنى بىلگەچ، يوقلاپ ئۆتەرمىكىن دەپتىم ئاداش.
-بولىدۇ، مۇمكىن بولسا ماڭا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئادىرسىنى تېپىپ بېرەمسەن؟
-ماقۇل، مەن ئېرپانغا ئېيتاي، ئۇ بىردەمدە تاپىدۇ.
-ماقۇل ئاداش.
ئەتىسى سەھەردە ئاسىيە ماڭا گۈلزىبانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆينىڭ ئادىرىسىنى يوللاپ بەردى.
-ئىككى كۈن ئىچىدە بارالمايمەن ئاسىيە، ئۆگۈنلۈككە بىز خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ تەرەپلەرگە ئۆتىمىز، شۇ ۋاقىتتا مەن گۈلزىبانى چوقۇم يوقلايمەن، ساڭا خەۋرىنى بېرىمەن.
-ماقۇل، ئۇنى كۆرسەڭ مەندىن سالام ئېيتىقن.
دېگەندەك ئىككى كۈنگىچە ھازىرقى ئورنۇمدىكى خىزمىتىمىز تۈگىمەي، ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتۇق. ئۈچىنجى كۈنى سەھەردە گۈلزىبانىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. چۈشكىچە يول مېڭىپ، قوساقلار ئېچىپ، چارچىغاندا مەنزىلگە يەتتۇق. بىز ئون نەچچە ئادەم بولۇپ، دەم ئېلىشلىرىمىزدىكى ماڭىدىغان -تۇرىدىغان جايمىزنى، يىغىلىدىغان ۋاقىت ۋە ئورنىمىزنى ئالدىن كېلىشۋالمىساق ئادەم ساقلاش بىلەنلا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزەتتى. شوڭا مەن چۈشلۈك تاماقتىن يېنىپلا، چۈشتىن كېيىنكى دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ گۈلزىبانى ئىزدەيدىغىمىنى گورۇپپا باشلىقىغا ئېيتتىم. باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بارىدىغان جايلىرىنى مەلۇم قىلىشىپ، بالدۇر قايتقانلىرىمىز بۈگۈن كەچ، ئەڭ كېچىككەنلىرىمىزمۇ ئەتە سەھەردىكى نورمال خىزمەت ۋاقتىمىزغا ئۈلگۈرۈپ، بۈگۈن مۇشۇ يەردە قالدىغانلار چۈشكەن مېھمانخانىغا قايتىدىغان بولۇپ كېلىشپ، يوللىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق.
قاتناش راۋان، ھەم گۈلزىبانىڭ ئېنىق ئادىرىسى قولۇمدا بولغاچقا ئۇنىڭ مەھەللسىنى كۆپ جاپا تارتمايلا تاپتىم. كىرا ماشىنىسىدىن چۈشۈپ، يول بويىدىكى ئېتىزلىقتا ئوتالغۇ ئوتاپ ئولتۇرغان مومايدىن گۈلزىبانىڭ ئۆيىنى سورىدىم.
-سىزنىڭ ئىزدەۋاتقىنىڭىز ھېلىقى بىريىللاردا داشۆدە ئوقۇپ كېلىپ، بىر ئوغۇل بالىنى دەپ ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ، k ناھىيىسىگە كەتكەن قېرى قىز گۈلزىبا ئوخشىمامدۇ قىزىم؟
-ھەئە، شۇ گۈلزىبا ئىدى چوڭ ئانا، ئۆيىنى بىلەملا؟
-بىلىمەن، بىلىمەن، بۇ مەھەللىدە ئۇلارنىڭ ئۆينى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، سىز ئۇنىڭ نېمىسى؟
-ساۋاقدىشى.
-ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇنى داۋالىتىمەن دەپ، مەھەللە ئىچىدىكى ئۆيىنى ئېلىشىغا سېتۋېتىپ، مەھەللنىڭ چېتىگىراق چىقىۋالغان، مەن دەپ بەرسەممۇ تاپالمايسىز قىزىم، يۈرۈڭ،مەن سىزنى باشلاپ باراي.
-رەھمەت چوڭ ئانا، سىلىگە جاپا سالىدىغان بولدۇم.
-ھىچقىسى يوق قىزىم ، قارىسام ياشلا تۇرىسىز، قېرى قىز گۈلزىبانىڭ ساۋاقدىشى مەن دەيسىز.
-ھەئە، مەن گۈلزىبانىڭ ساۋاقدىشى چوڭ ئانا، ئۇنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ يوقلاپ كەلگەن ئىدىم.
-سىز توي قىلغانسىز؟ بالىڭىز باردۇ؟
-ھەئە، توي قىلدىم، ئىككى بالام بار، چوڭى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
-مانا، مانا ،قىز بالا دېگەن مۇنداق قىلمامدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەم دېگەن مۇشۇنداق ئوڭلۇق بولمامدۇ دەيمەن! بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ قىزىم، لىكىن مۇشۇ قېرى قىز گۈلزىباچۇ پەقەتلا ياخشى قىلمىدى قاراڭ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى «يېنىمىزدا تۇرغىن، بىزمۇ ئەمدى قېرىپ قالدۇق، ئاز-تولا ھاردۇقىمىزنى چىقارغىن، ئۇكىلىرىڭنى ئوقۇتۇشۇپ بەرگىن» دېسە ئۇنىماي، نەدە بىر ئاقماس ئوغۇل بالىغا تېگىمەن دەپ، باشقا يۇرتقا بېرىۋېلىپ، ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن نەچچە يىل جاپا تارتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن زادىلا خەۋەر ئالمىدى. ئوغۇل بالىنىڭ ئارقىسىدىن كەتكەن بولغاندىكىن توي خەۋرى كەلسە، بۇ يۇرتلاردىمۇ بىرەر كۈن توي ئوينايدىغان ئوخشايمىز دېسەك يە توي خەۋرى كەلمىدى، ئاتا-ئانىسىمۇ جىم،جىملا! بىز تولا سوراپ، بىز سوراۋەرگەچكە ئۇلار تەڭلىك بولۇپ يۈرۈپ، يىللار ئۆتۈۋەردى، ئۇمۇ ئەرگە تەگمىدى، ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭمۇ پارىڭى بولمىدى. بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ باللىرىمىزنىڭ ئىككى-ئۈچتىن بالىسى بار ھازىر! شۇ يىللاردا ئاشۇ قېرى قىز گۈلزىبانىڭ كاساپىتىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن قىزلارنى ئاتا-ئانىسى ئوقۇشقا ئەۋەتمىدى قاراڭ قىزىم. مانا ئەمدى ئاڭلىساق ئۇ قېرى قىز قانداقتۇر ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قايتىپ كېلىپ، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا بىر زەمبىل گۆش بولۇپ يېتىپتۇ، ئەھۋالى ئېغىر ئوخشايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مائاشلىق كادىر بولغاندا، ئاتا-ئانىسىغا بىر پۇڭچەن بەرمىگەن بۇ قېرى قىزنى يەنە ئاقباش ئاتا-ئانىسى داۋالىتىمىز دەپ، ئۆي-ۋاقلىرىنى ساتتى قاراڭ، ھەي... ئاتا-ئانا بولماق نېمىدىگەن تەس ھە!
موماي ھاسىرىغىنىچە سۆزىنى داۋام قىلىپ قويۇق جىگدىلەر ئارىسىدىن ئاندا-مۇندا كۆرۈنۈپ تۇرغان پاكار تاملىق ئۆينى قولى بىلەن كۆرسەتتى.
-ئەنە، ئاشۇ ئۆي شۇ، گۈلسەيدىخانلار ئۆيىدە بارمىكىن، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ قېرى قىزنى ئادەم تونۇماس بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، دەرۋازىسىنى ئۇرۇپ كىرىڭ قىزىم، ھويلىسىدا يامان ئىتتىن بىرسى بار.
-ماقۇل چوڭ ئانا، رەھمەت سىلىگە!
-ماقۇل قىزىم، مەن قايتاي ئەمىسە.
ھاسىراپ-ھۈمۈدىگىنچە ئارقىسىغا قايتىپ، پىسىرلاپ مېڭىپ كېتىۋاتقان بۇ ئاقكۆڭۈل موماينىڭ ئارقىسىدىن، تاكى ئۇنىڭ مۈكچىيىپ قالغان ۋىجىك گەۋدىسى دەرەخلەر ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالغانغا قەدەر قاراپ تۇردۇم.
بۈك-باراقسان دەرەخلىك ئارىسىدىكى كۈجۈم مەھەللىدىن چىقىپ، توپا ئارىلاش قۇمساڭغۇ يول بىلەن خېلى ماڭغاندا يېتىپ كەلگىلى بولىدىغان، ئەتراپىدا پاكار-پاكار قويۇق جىگدىلەردىن باشقا دەل-دەرەخ يوق، ئۈچ تەرىپى سالا-سالا ئېتىزلار بىلەن قورشالغان، تاملىرى يېڭىلا ئاقارتىلغان بۇ دېھقان كەپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزلىرى تاختايلارنى قوراشتۇرۇپلا ياسىۋالغان دەرۋازىنى ئۇرۇشۇمغا ھويلىدىن ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە قورققىنىمدىن ئىككى قەدەم ئارقامغا داجىدىم. تەليىمگە بايىقى موماي بۇ ھويلىدا ئىت بارلىقىنى ئېيتىپ قويغان ئىكەن، بولمىسا ئىتنىڭ ئاۋازىنى تۇيۇقسىزلا ئاڭلاپ قالغان بولسام، ياكى ئالدىمغا لوڭڭىدە چىققان بولسا ئۆزۈمنى قەيەردە كۆرەر بولغىيتىم؟
-كىمۇ؟
ھويلىدىن بىر موماينىڭ تىترەڭگۈ ھەم خىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مەن ! گۈلزىبانى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم!
-ھە،مانا! گۈلسىمان! ھوي گۈلسىمان، چىقىپ قاراپ باققىنا قىزىم!
ئالدىمغا ئازراق تارتنچاقلىق بىلەن چىققان ئون سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى قىزنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. ۋاي! بۇ ھېلىقى يىللاردىكى گۈلزىبانىڭ ئۆزى شۇغۇ! بايىقى موماي گۈلزىبانى قېرى قىز، ئەرگە تەگمىدى دەۋاتاتتى، مۇنۇ قىز ئۇنىڭغا نېمانداق ئوخشايدۇ ھوي!
-ياخشىمۇسىز سىڭلىم؟ بۇ گۈلزىبانىڭ ئۆيىمۇ؟
-ھەئە.
-مەن گۈلزىبانىڭ ساۋاقدىشى، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم.
-ئۆيگە كىرىڭ ھەدە، ھاممام ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، مەن سىزنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرەي.
پاكار تاملىق ھويلىنىڭ ئىچىدىكى ئۈجمە دەرىخنىڭ سايىسى ئاستىغا قويۇلغان كىچىكرەك كارۋاتتا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، يۈزلىرىنى چىكىت-چىكىت داغ قاپلىغان، ئاق-قارا گۈللۈك كۆڭلەك كېيىۋالغان ئورۇق بىر موماي ھەرخىل رەڭلىك پارچە-پۇرات رەختلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ ئولتۇراتتى. سەل نېرراقتا مومايدىن پەرقسىز ھالەتتىكى ۋىجىك بىر بوۋاي سېۋەت توقۇپ ئولتۇراتتى.
-سالامەت تۇردىلىمۇ گۈلسەيدىخان ئانا؟ مەن گۈلزىبانىڭ ساۋاقدىشى مۇنىرە.
-سالامەت كەپسىز قىزىم.
موماي چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى ۋە مېنى قۇچاقلىغىنىچە ئۈكسۈپ يىغلاپ كەتتى. موماينى بەزلىگەچ، يېنىمىزغا كەلگەن بوۋاي بىلەن سالاملاشتىم.
-يىغلىما گۈلسەيدە، يىغلىما! نېمىگە يىغلايسەن؟ مېھماننى ئۆيگە باشلاڭلار، تالادا تۇرسا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ!
-يۈرۈڭ قىزىم، ئۆيگە كىرەيلى، گۈلزىبا ئاۋۇ ئۆيدە!
موماينىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە گۈلزىبا ياتقان ئۆيگە كىردىم ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قات-قات سېلىنغا كۆرپىلەر ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويۇلغان،چىرايى زەپراندەك سارغىيىپ، قانسىز لەۋلىرى ۋە ئەتراپى قارىداپ قالغان كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، چۈشۈپ ئازلا قالغان چاچلىرى ئۆرۈپ قويۇلغان، ئاجايىپ ئورۇق بىرگەۋدىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
-مۇشۇ گۈلزىبا شۇ قىزىم...
موماي مىچچىدە يىغلىغىنىچە گۈلزىبانى ئاستا نوقۇدى.
-گۈلزىبا، گۈلزىبا، ساۋاقدىشىڭىز سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ قىزىم.
ئۇ كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ ماڭا بىر قارىدى ۋە بېشىنى ئۇيانغا بۇراپلا كۆزىنى يۇمۇۋالدى.


داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章