شىنجاڭدا بىر جاي رەددىيە بېرىش باياناتى ئېلان قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاممىنىڭ پاش قىلىشىچە، قىسمەن تور ئەھلى تور سۇپىسىدا ئاۋات ناھىيەسىدىكى يورۇقلۇق ۋولت تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمگەك كۈچىنى ھۆددىگە بېرىش شەكلىدە مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئالاقىدار قىلمىشلارنى قانات يايدۇرغان.
ئاۋات ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ئاۋات ناھىيەسىدە يورۇقلۇق ۋولت تۈرى (ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، يورۇقلۇق ۋولت بىر-بىرىنى تولۇقلاش، شامال-يورۇقلۇق ۋولت زاپىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى، تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرۇش نامى بىلەن توختام ئىمزالاش، مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يالغان قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكىنى، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقىسا، دەرھال گۇڭئەن ئورگانلىرىغا پاش قىلىشىنى سورايمىز.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز