سومما ئۆستۈرۈلدى، ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى

时事   2024-11-06 14:30   北京  

سومما ئۆستۈرۈلدى، ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى! دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتى تەڭشەلدى

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئېلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇقتۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى (2-باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ھەر بىرى ھەر يىلى ئىلتىماس قىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسى 16 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمى 20 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمىگە؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ھەربىرى ھەر يىلى ئىلتىماس قىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمى 25 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمىگە ئۆستۈرۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمى كۈندىلىك تۇرمۇش پۇلىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章