بېيجىڭدا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. تەپسىلىي قائىدىگە ئاساسەن، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى سېتىپ بەرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ نامىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ۋاقتى ئالتە ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى رويخەتتىن ئۆچۈرگەن ھەمدە مەزكۇر شەھەردىن «بېيجىڭ توكلۇق ۋېلىسىپىت مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسى»دىكى يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىتنى سېتىۋالغان ھەمدە قانۇن بويىچە نومۇر تاختىسى ئاسقان شەخسىي ئىستېمالچىلارنى كۆرسىتىدۇ. كونا توكلۇق ۋېلىسپىتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، يېڭىنى تىزىملاش ۋاقتى مۇشۇ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بولۇشى كېرەك. 2024 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا قارىتا، يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ھەربىر توكلۇق ۋېلىسپىت ئۈچۈن 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەربىر ئادەم بىر قېتىم ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كونا لىتىي ئىيون باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتنى سېتىپ بەرگەن ھەم قوغۇشۇن كىسلاتا باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا نورمىدىن سىرت 100 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ سېتىلغان كونا ۋېلىسىپىتنىڭ باتارېيەسى باھالاشتىن ئۆتكەن ئىستېمالچىلارغا نورمىدىن سىرت 50 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ