دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا يادرو مەسىلىسىدە قول چىراغنى باشقىلارغىلا قارىتىپ ئۆزىگە قاراتمايدۇ
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى باھاسىدا دېيىلىشىچە، جۇڭگو قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا يادرو قورال ئامبىرىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلاۋېتىپتۇ ۋە كېڭەيتىۋېتىپتۇ. سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئوبزورىدا دېيىلىشىچە، خەلقئارا يادرو ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، 2024-يىل 1-ئايغىچە يەر شارىدىكى يادرو ئوق بېشى ئومۇمىي سانى 12121گە يېتىپ، جۇڭگونىڭ يادرو ئۇرۇش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. باياناتچى، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟
جاڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: يادرو مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ئەزەلدىن قول چىراغنى باشقىلارغىلا قارىتىپ ئۆزىگە قاراتمايدۇ. ئامېرىكا يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يادرو قورال ئامبىرىغا ئىگە بولۇپ، ئاۋۋال يادرو قورال ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يادرو كالتىكى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى قورقۇتۇپ قاقتى-سوقتى قىلىدۇ، يەنە خالىغانچە «ئوت بىلەن ئوينىشىپ» يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىپ، يەر شارىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئامېرىكىنىڭ ساختا «جۇڭگو يادرو تەھدىتى»نى توقۇپ تارقىتىشى پەقەت ئۆزىنىڭ يادرو زومىگەرلىكىدىن ئىبارەت رەزىل غەرىزىنى يوشۇرغانلىق خالاس.
جۇڭگو ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىبارەت يادرو ئىستراتېگىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال يادرو قورال ئىشلەتمەسلىككە ئېنىق ۋەدە بەرگەن، يادرو كۈچىنى باشتىن-ئاخىر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش مەقسىتى يوق. كۆرسىتىشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى باشقىلارنى سەۋەبسىز ئەيىبلەش بولماستىن، بەلكى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىپ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىشتىكى ئالاھىدە، ئالدىنلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
◇ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى
◇ ئايال خىزمەتچىلەرگە «ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەم ئېلىشى» بېرىلىدۇ
◇ بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس
◇ ياشلارنىڭ مۇكەممەل توي مۇراسىمى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟