ئەڭ يېڭى ئەسەر : قېرى قىز 1- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-04 11:00   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

1- قىسىم

ھاياتلىقتا مەڭگۆلۈك ئازاب بولمايدۇ، ھەر قانچە چوڭقۇر ئازاب بولسىمۇ، ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولىدۇ .  ھالبۇكى، ئادەم  نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، شۇ  نەرسە  كىشىنى ئازابلايدۇ.

 بىر ئادەم ئەگەر دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى پۈتۈنلەي ھېس قىلالمىسا، تۇرمۇش قىزغىنلىقىغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىگە ئەرزىگۈدەك نەرسە بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلبى قۇرۇق قۇدۇققا ئوخشايدۇ.  بۇ خىل ئادەملەر قارىماققا ھاياتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئۆلۈك ھالەتكە كىرىپ بولغاندۇر .

كېچىلىك خور ئېيتىش مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئون نەچچە مىنۇتلا قالغان ئىدى. گەرچە بىز تۇنجى چەكنى ئالمىغان بولساقمۇ ، ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىدا ئانچە-مۇنچە ئىپادىلىنىپ تۇرغان جىددىيچىلىك چىرايلاردا ۋە ئۇششاق ھەرىكەتلەردە نامايەن بولۇپ تۇراتتى. ئوغۇللار قارا شىمغا ماسلاشتۇرۇپ كېيۋالغان قاردەك ئاق كۆڭلەكلىرىنىڭ يەڭ، ياقلىرىنى، قاراكۆك يوللۇق گالاستۇكلىرىنى ئوڭشاپ، تۈزلەپ قويۇشلىرى، پات-پاتلا گاللىرىنى قىرىپ، بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشلىرى ئارقىلىق، قىزلار كىچىككىنە يۇمۇلاق ئەينەكلىرىنى چىقىرىشىپ،ئوغۇرلۇقچە لەۋ سۇرۇقلىرىنى يېڭلاپ، چاچلىرىنى ئۇيان-بۇيان قىلىپ رەتلەپ قويۇشلىرى بىلەن كەيپىياتلىرىنى تەڭشەۋاتاتتى. مەن چاندۇرمىغىنىم بىلەن ھەممىدىن بەك جىددىيلىشۋاتاتتىم، چۈنكى پارتىدىشىم گۈلزىبا تېخىچە زالغا كىرمىگەن ئىدى، بۇنى پەقەت مەنلا بايقاپ قالغاندىم، باشقىلار ئۆز تەييارلىقلىرى بىلەن بولۇپ، كىم بار،كىم يوق دېگەنلەرگە دېققەت قىلشقا چولىسى يوقتەك قىلاتتى.

-ھەممەيلەن كېلىپ بولدىمۇ؟

گۈلزىبانى كىرىپ قالارمىكىن دەپ زالنىڭ چوڭ ئىشكىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىمدا سىنىپ مۇدىرىمىز خىيالىمنى بىلىپ قالغاندەكلا ماڭا قاراپ سورىدى. سىنىپ باشلىقىلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇ مەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سۇئال ئىدى.

-گۈلزىبا تېخى كېلىپ بولالمىدى مۇئەللىم.

-ۋاي، بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى؟ مۇسابىقە باشلىنىدىغانغا ئازلا قالدى، بىز ئۈچىنجى چەكنى ئالدۇق، مۇنىرە ،سىز تېز بېرىپ گۈلزىبانى چاقىرىپ كېلىڭ،تېز بولۇڭ!

-ماقۇل مۇئەللىم.

ئورۇندۇقلارنى ئارىلاپ يۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، يېرىم ئىڭىشتىم ۋە سەھنىنىڭ ئالدىدىن چاشقاندەك تۈگۈلۈپ ئۆتۈپ، زالدىن چىقىپلا ئاۋۋال ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ يۈگۈردۈم. سىنىپ ئىچى تىمتاس بولۇپ،ئادەم كۆرۈنمەيتى. ئارقامغا بۇرۇلۇپلا ياتاققا قاراپ يۈگۈردۈم. ياتاقنىڭ ئىشىكى تاقالمىغان بولۇپ، قىيا ئوچۇق تۇراتتى. ھاسىراپ-ھۈمۈدىگىنىمچە ياتاققا كىردىم. ياتاق ئىچىدىكى بىسەرەمجانلىقىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ھەرۋاقىت رەتلىك ھەم پاكىزە تۇرۇشتەك ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن فاكولتت بۇيچىلا ئەمەس، مەكتەپ بۇيچىمۇ «مەدەنيەتلىك ياتاق» شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئىشىكىمىزگە شەرەپ تاختىيى ئېسلىىپ تۇرىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالغان ياتقىمىزنىڭ ئىچى يىرتىپ تاشلانغان ئۇششاق قەغەز پارچىلىرى، قالايمىقان پۈرلەپ تاشلانغان تازلىق قەغىزى بىلەن تولغان، ئۈستەل ئۈستىگە ھەربىرىمىزگە بىردىن توغىرلىنىپ تىزىپ قويۇلغان ئەينەك ئىستاكانلارنىڭ بىرنەچچىسى چېقىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپتىكى ئاستى-ئۈستى كارۋاتلارنى توستۇرۇپ، بىر تۇتاش تارتىلغان ھالرەڭ تور پەردىنىڭ بەزى يەرلىرى يىرتىلىپ، تىتىلغان، تۆشۈك ئېچىلغان ھالەتتە ئىدى. ئوڭ تەرەپتىكى پەردىنى قايرىپلا ئاچتىم، كارۋاتلاردىكى يوتقان كۆرپىلەر بىز تىزىپ قويغان ھالىتىدە رەتلىك ئىدى. سول تەرەپتىكى پەردىنى قايرىشىمغا گۈلزىبانىڭ كارۋىتىدىكى قالايمىقانچىلىق كۆزۈمگە چېلىقتى، يېقىن بېرىپ قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم، پۈرلىشىپ، بەزى يەرلىرى يىغىلىپ قالغان ئاسمانرەڭلىك كىرلىك ئۈستىدە قىپقىزىل قان داغلىرى تۇراتتى...

ۋۇجۇدۇمغا ياماشقان بىر تىترەك بىلەن دەرھال ئارقامغا ياندىم ۋە ئىشىكنى كۈچەپ يېپۋېتىپ، تاقاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي پەسكە قاراپ يۈگۈردۈم. سۇس يېنىپ تۇرغان كارىدۇر چىرىقىنىڭ نۇرى بەكمۇ غۇۋا بولۇپ، ئاشۇ غۇۋالىق ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ، ئارقامدىن قوغلاپ كېلىپلا گېلىمنى بۇغۋىتىدىغاندەك بىر قورقۇنىچ ئىچىمگە كىرۋېلىپ، كارۋاتتىكى ھېلىقى  قان داغلىرى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. شۇ يۈگۈرگىنىمچە بىردەممۇ توختىماي زالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدىم، ياتاق بىناسىدا نۆۋەتچىلىك تۇرىۋاتقان ئايالنىڭ «ھەي قىز،توختاڭ! قايسى ياتاقتىن چىقتىڭىز؟»دېگەن سۇئالى ھاۋادا لەيلەپ قالدى.

زال ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ، ئۆزۈمنى سەل بېسۋېلىپ،ھاسىراشلىرىم پەسلىگەندىن كېيىن زالغا كىردىم. خور ئېيتىش مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بايقىغا ئوخشاش چاشقاندەك ئۆمىلەپ سەھنە ئالدىدىن ئۆتكىلى بولمايتى، شوڭا ئارقا تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ كېلىپ ئورنۇمنى تاپتىم.

-مۇئەللىم، گۈلزىبا سىنىپتىمۇ، ياتاقتىمۇ يوقكەن.

-بىلدىم، ئورنىڭىزغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرھال گۈلزىبانىڭ ئورنىغا ئادەم تەڭشەڭ، بۇنى بالىلارغا ئۇقتۇرۋېتىڭ، ھېلى سەھنىگە چىققانداق ئوڭ-تەتۈر مېڭىپ يۈرمىسۇن!

-ماقۇل.

مەشىق قىلغاندا تىزىلغان رەتتىكى ئورنىمىزنى تەڭشەپ، ئۆمىلەپ يۈرۈپ ساۋاقداشلىرىمغا ئورنىنىڭ ئۆزگەرگىنىنى بىردىن- بىردىن ئۇقتۇرۇش قىلىپ بولۇشۇمغا بىزگە نۆۋەت كەلدى. بالىلارنى بايىقى تەرتىپ بۇيىچە ماڭدۇرۇپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتىم ۋە تاماشبىنلارغا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىرمە-ئوتتۇز سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىكى ئورۇندۇققا دەسسەپ چىقىپ، ساۋاقداشلىرىمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېرىژورلۇق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقىنىمدا، چىلانرەڭلىك قېلىن دۇخاۋا پەردىنىڭ ئارقىسىدىن مىسىلداپ چىقىپ، مەن ئاللىقاچان تەڭشەپ بولغان ئورۇنغا كېلىپ تۇرىۋاتقان گۈلزىبانى كۆرۈپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. مۇزىكا باشلاندى، ئارقا رەتتىكى ساۋاقداشلار چاندۇرماي قىمىرلاشقىنچە ئورۇن تەڭشەپ گۈلزىبانىڭ ساھىبجالغا پوقاق چىققاندەكلا قىسىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى چاندۇرمىدى.

ئىككى ئاي ئەتراپىدا سەھنە ئاستىدا قىلغان تەييارلىقىمىزنى سەھنە ئۈستىدە بەش مىنۇت نامايەن قىلۋىتىپ قايتىپ چۈشتۇق. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىنى تېپىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن گۈلزىبادىن بايىقى ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىماقچى بولۇپ قارىغىنىمدا ئۇ يەنە يوق تۇراتتى.

ئاخىرقى خولاسىدە بىزنىڭ سىنىپ بىرىنجىلىكىنى ئالغان ئىدۇق. گۈلزىبانىڭ بايىقى قىلىقىدىن چوقۇم نومۇر تارتىلدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، بەلكى باھالىغۇچلار ئۇنى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى بىزنىڭ پائالىيەت تەرتىپىمىزنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. شەرەپ تاختىمىزنى ھەم مۇكاپات بويۇملىرىمىزنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزنى مۇبارەكلەشتۇق، بۇ نەتىنجىمىزدىن سىنىپ مۇدىرىمىزمۇ خۇشال بولغان ئىدى. شۇ خۇشاللىقتا ئۇ گۈلزىبانى قايتا سۈرۈشتۈرمىدى، بىزمۇ ھىچنىمە دېمىدۇق، ھەممەيلەن ئۆز خۇشاللىقى بىلەن مەشغۇل ئىدى.

ياتاققا قايتىپ كىرگىنىمىزدە ياتاق ئىچى بۇرۇنقىدەك رەتلىك بولۇپ، بايا مەن كۆرگەن بىسەرەمجانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق، گۈلزىبا ھىچ ئىش بولمىغاندەك كارۋىتىدا ئولتۇراتتى، ياتاقنىڭ ئوتتۇرسىغا تارتىلغان سىمدا بىردانە ئاسمانرەڭلىك كىرلىك يېيىلغان بولۇپ، چىك-چىك قىلىپ سۇ تامچىپ تۇراتتى.

-قايسىڭلارنىڭ كىرلىكىڭلار بۇ قىزلار؟

-مېنىڭ، نېمە بولدى؟

-ھە، سېنىڭمىدى گۈلزىبا؟ ئاستىغا داس قويىۋەتمەپسەن، سۇ تامچىپ يەرنى ھۆل قىلۋىتىپتۇ.

-ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ سىمونىت يەر بولغاندىكىن بىردەمدە سىڭىپ كېتىدۇ، ئەتە سەھەردە ياتاققا سۇ سىپىمەن دەپ ئاۋارە بولمايسەن.

-تۈزۈك گەپ قىلغىنە، كىرنىڭ سۈيى ياتاققا تامچىپ تۇرسا سېنىڭچە ياخشى بولامدا؟

- ۋاي نېمە كارىڭ ئەزىزە؟ ھەممە ئىشقا ئارىلاشماي ئۆزۈڭنى بىلگىنە؟

-چاققانكەنسەنغۇ گۈلزىبا، بىز مۇسابىقىدىن چىقىپ ئەمدى ياتاقنى تاپتۇق، سەن قاچانلاردا كىرلىكىڭنى يۇيۇپ بولدۇڭ؟

-مەن دېگەن ئاشۇنداق چاققان، سلەردەك مىسىلداپ يۈرمەيمەن!

-كىرلىكىڭنى تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئالماشتۇرۋاتمامتىڭ؟ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يۇيساڭمۇ بولدىغۇ؟

-سېنى يۇيۇپ بەر دېمىگەندىمەن؟ بېشىمنى ئاغرىتىپ نېمە تولا سوراۋېرىسەن؟

-ۋاي قىزلار، ماۋۇ پەردىگە نېمە بولغاندۇ؟ نەچچە يېرى يىرتىق، تۆشۈك تۇرىدۇ قاراڭلار، ئىست!  كىمنىڭ قىلغان ئىشىدۇ بۇ؟ ئۆيدىن كەلگەن تاماق پۇللىرىمىزنى يىغىپ، بىرمۇنچە جاپا بىلەن ئالغان ئەمەسمىدۇق!

-شۇنى دەيمەن، قول بىلەن يىرتىلغاندەكمۇ ئەمەس بۇ، پىچاق ياكى قايچىدەك نەرسىدە كېسۋىتىلگەندەك تۇرىدۇ!

-زادى قايسىڭلارنىڭ ئىشى بۇ؟ نېمانداق قاملاشمىغان!  رازىيە، يىپ-يىڭنە ئەكىلە، تىكىپ قويايلى!

-شۇنى دېمەمسەن، مۇشۇ پەردىمىز بىلەن مەدەنيەتلىك، پاكىزە ياتاق دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن تۇرساق ،تازىمۇبىر!

-ۋاي تولا گەپ قىلىشمىيە! پەردەڭنى مەن يىرتىۋەتتىم ھە؟  نېمە بولۇشتى؟!  تۆلەپ بەرسەمغۇ بولار؟!

گۈلزىبانىڭ تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا چاچراپ چىقىپ دېگەن بۇ سۆزى مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر ئائىلىنىڭ قىزلىرىدەك ناھايتىمۇ ئىناق ئۆتۈۋاتقان ياتىقىمىزنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ئوبدانلا تەسىر قىلدى.

-ساراڭمۇ سەن گۈلزىبا؟ سېنىڭ يىرتىۋەتكىنىڭىنى كىم بىلدى؟  يىرتىۋەتكەن بولغاندىكىن چىرايلىقچە مەن يىرتىۋەتتىم دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟ بارچە خاتا ئۆزۈمدە تۇرۇپ،قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي دېگەندەك بىزدىن چوڭ ۋارقىرايسىنا تېخى!

-شۇنى دەيمەن، ئىش بولسىلا سەن بۇزامسەن؟ بايىقى مۇسابىقىدىمۇ قىلغان قىلىقىڭنى ھەممىمىز كۆردۈق، ھېلىمۇ مۇنىرە ئىشلارنى چاندۇرماي جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭدى، بولمىسا بىرىنجى بولالمايتۇق بىز!

-مۇسابىقىدە نېمە قىلىپتىمەن؟ سېنىڭ قايسى ئىشىڭنى بۇزۋېتىپتىمەن ئالىيە؟ ماڭا گېپىڭ خېلى بار ئوخشىمامدۇ؟ يە ئارماننى مەندىن قىزغىنىپ قېلۋاتقىنىڭنى چاندۇرۋاتامسەن؟

-مۇسابىقىگە قاتناشمىدىڭغۇ؟ نەچچە مىنۇت قالغاندا مۇنىرە ئورۇن تەڭشىدىغۇ؟

-كۆزۈڭگە ئىشتان-پايپاق كىيۋالمىغاندىكىن ئوبدان قارىساڭ بولمامدۇ؟ مۇسابىقىگە قاتاناشماي نەگە بېرىپتىمەن؟ سەن كۆرمىگەن بولساڭ، مۇنىرە يۈز ۋاتلىق لامپۇچكىدەك يورۇپ تۇرغان ئاۋۇ يوغان كۆزىدە كۆردى مېنى!

-ۋاي تولا گەپ قىلماي پەردىنى تۆلىگىنە ئەمىسە! ئوھۇشتە، نېمىدىگەن ئۆكتەملىك بۇ!

-سەن تۆلە دېگەنگىلا تۆلەيدىغان ئىش يوق، ئۆيدىن پۇل كەلسە ئالدىرىماي تۆلەيمەن! ماڭا گەپ قىلىشمىيە ساراڭلار! ھەممىڭنىڭ ئارماندىن تامايىڭ بار، شوڭا مەن بىلەنلا قېرىشىسەن ھەممىڭ!

-ۋىيەي، ۋىيەي! ۋاي بەسەي قۇۋۇرغامنى ئەگىمىگىنە ھەي!  ئۇ سېسىق ئارمىنڭنىچۇ، بىرەر يۈزمىڭغا ئوراپ يولغا تاشلاپ قويساڭمۇ ھىچكىم قارىمايدۇ!  تولا گەپ قىلماي يىغە ما كىرلىكىڭنى، مۇشۇ تاپتا ياتاقنىڭ ئىچى ھۆلچىلىكتىن ئىنەك تۇغقاندەك بولۇپ كەتتى، ئوھۇشتە!

-نېمە دەيتىڭ لەيلى؟! ياتاق سېنىڭمىدى؟  يىغمىسام قانداق قىلاتتىڭ؟ ئاناڭنى!

كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا، ئىچ كىيىم بىلەنلا كارۋىتىدىن ئېتىلىپ قوپۇپ لەيلىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرگەن گۈلزىبانى بىرنەچچىمىز تۇتۇۋالدۇق. لەيلى سىمدىكى سۇ تامچىپ تۇرغان كىرلىكنى تارتىپ ئېلىپلا گۈلزىبانىڭ كارۋىتىغا قارىتىپ ئاتتى، پەردە ياماۋاتقان رائىلەمۇ يىپ-يىڭنىسىنى يىغىشتۇرغىنىچە «ۋاي تۆلىسۇنيا پەردىنى، خەقنىڭ قىلغان يامان ئىشىغا مەن ئېگە بولاتتىممۇ»دەپ غوڭشۇپ قويدى.

-سەن نېمە دەيتىڭ رائىلەك سېرىق؟ سېنى پەردە ياما دېدىمما؟ تۆلەيمەن دېدىمغۇ؟

-ۋاي تۆلىشىڭ چاغلىق، ئۆيۈڭدىن كەلگەن پۇللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئارمانغا چاڭگاللىتىپ قويىسەن، يەنە تېخى يۇرتلۇقلاردىن، ساۋاقداش، ئەل-ئاغىنىلىرىڭدىن پۇل سوراپ شۇ ئارمانغا خەجلەپ بېرىسەن، قايسى پۇلۇڭ بىلەن پەردە تۆلەرسەن سەن!

يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشقان جىدەل ئاخىرى ياتاق باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكىلەر كىرىپ، بىزنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن بېسىقتى. مەن گۈلزىبانىڭ ھىچكىمدىن يانمايدىغان، ھەم ھىچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمايدىغان كەسكىن خۇيىنى بىلسەممۇ، بۈگۈنكىدەك ساراڭلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتاتتىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ مەندىن يۇشۇرغان بولغىيتىمىكىن، ياكى مەن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتكەچكە بىلىنمىگەن بولغىيتىمىكىن،بۈگۈنكى بۇ بىشەملىكىدىن بەكلا ھەيران قېلۋاتاتتىم.

ئەتىسى كەچتە بىز ياتاقتا گۈلزىبانى كۆرمىدۇق، گۈلزىبانىڭ ئورنىغا تېرىسى ئاپئاق، كۆزلىرى چوڭ، زىلۋا ھەم ئىگىز بويلۇق، ئويغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان سانجىلىق كالتە چاچلىق قىز ۋاڭ شىيا ئالمىشىپ كىرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز گۈلزىبانى پەقەت سىنىپتا، دەرس ۋاقتىدىلا كۆردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا پائاليەتلىرىمىزدە ئۇ يوق ئىدى. شۇ كۈنى كەچتىكى جىدەلدىن كېيىن ئۇ سىنىپ مۇدىرىمىزنىمۇ ئىزدىمەي، ئۇدۇل ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا چىقىپ، ياتاقتىكى يەتتىمىزنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇنى بوزەك قىلغانلىقىمىز، سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ كۆزىنى يۇمىۋالغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ، ياتاق ئالمىششنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئارمان ئۇنىڭ بۇ شىكايەتلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە دوكلات قىلىپ، تىل ئۆگىنىش ھەم دوستلىشش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ، بىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغان ۋاڭ شىيا بىلەن ئىككىسنىڭ ياتىقىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ مەدەنيەتلىك ياتاق دېگەن شەرەپ تاختىيىمىز بىكار قىلىنىپ، سىنىپ مۇدىرىمىز مەسئوليىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ جازالاندى، بىزنىڭ قەلبىمىزدىمۇ گۈلزىباغا بولغان ئۆچمەنلىك ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

كېيىن ۋاڭ شىيا بىزنىڭ ئارىمىزغا شۇ قەدەر سىڭىشىپ كەتكەن ئىدىكى، ياتقىمىزدا گۈلزىبا ئىسىملىك بىرسىنىڭ بىز بىلەن بىللە ئۈچ يىل ياتقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشكەن ئىدۇق. شۇ يىللاردىكى قىزغىنلىقمىز، گۈزەل ئارزۇ -ئىستەكلەرگە تولغان قايناق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىز، شاد كۈلكىلىرىمىز ھەم پىنھان ئازابلىرىمىزغا ئۈنسىز ھەمرا بولغان گۈزەل ئانا مەكتىپىمىزدىن ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن يوغان ھەم چىرايلىق نامنى ئېلىپ يۇرتلىرىمىزغا تارقىلىپ، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە خاس خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئائىلىمىزنى گۈللەندۈرۈپ، ھاياتىمىزنى بىزەپ، چوڭ-كىچىك تۆھپىلىرىمىز بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسىمىزنى قوشۇپ ياشاۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ،ساۋاقدىشىمىز ئاسىيەنىڭ ئىككىنجى تويىدا جەم بولغان ساۋاقداشلار بۇ توينى ساۋاقداشلار يىغىلىشغا ئايلاندۇرىۋەتىكىلى تاسلا قالدۇق ھەم يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ھىچكىم بىلەن ئالاقىلاشمىغان، بىزنىڭ ئېسىمىزدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ساۋاقدىشىمىز گۈلزىبانىڭ خەۋرى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى ھەم تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.

داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章