دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: قەتئىي قارشى تۇرىمىز!
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىجابىي، مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگودىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»نى كۆپتۈردى، دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزى، تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا كەلسە-كەلمەس بىلجىرلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار خاتا سۆزلىرىگە قارىتا كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى.G7 جۇڭگو بىلەن ئىجابىي ۋە مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش، قارا چاپلاش ئەمەس، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرىقى پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە ئىزچىل ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپنى ئەزەلدىن قورال بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىشلىتىدىغان بۇيۇم تۈرى، ھەتتا پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى، پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ھەرقانداق 3-تەرەپنىڭ كاشىلىسى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»نىڭ زور مىقداردىكى تەپسىلىي، ئېنىق پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەرىپىدىن ساختا تېما ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئوچۇق روھىي ھالەتتە تۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزى، تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئىزچىل ھەم ئېنىق، بىز G7 نىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، G7 دۆلەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا رىئايە قىلىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى باشقۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز.
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز راۋاجلىنىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى. G7 دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئويۇنغا بېرىلىشنى توختىتىپ، نۆل يىغىندىلىق تار تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈچ خىل تىل مۇلازىمىتى كۆپەيتىلىدۇ
شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى
12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا