ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك

文摘   2024-11-10 20:35   中国  

جۇڭگو تەرەپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئاياللار، ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ئۇرۇش ئوتى ۋە ۋەھىمىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى «ئاياللار، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك» ئاممىۋى يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئاياللار، ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ئۇرۇش ئوتى ۋە ۋەھىمىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى باخۇس ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلىدكى توقۇنۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشقان، توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك جىنسىي زوراۋانلىق دېلولىرى  50 كۆپەيگەن، ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان قىز بالىلارنىڭ سانى  35 ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللارنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتنىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ئالاقىدار ياردەم ۋە مەدەت تېگىشلىك سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان.

فۇ سۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1325-نومۇرلۇق قارارى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت باش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى، بولۇپمۇ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاياللار، ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ئۇرۇش ئوتى ۋە ۋەھىمىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى


saybag
你好。欢迎
 最新文章