جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

时事   2024-11-30 10:03   北京  

جۇڭگونىڭ پەلەستىنلىك بالىلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى پەلەستىن مۇساپىرلار لاگىرىدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ پەلەستىن ئابباس فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق پەلەستىنلىك بالىلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۇلكارم شەھىرىدىكى ئىككى مۇساپىرلار لاگىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگونىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى زېڭ جىشىن ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىن ئۈچۈن ئىزچىل ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاپ، پەلەستىنگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات ياردىمى بېرىدۇ. پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئۇدا كۆپ يىل ئابباس فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ پەلەستىندە مۇساپىرلار لاگىرىغا ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، بۇ قېتىم تۇلكارمدىكى ئىككى مۇساپىرلار لاگىرىدىكى بالىلارغا قىشلىق پاختىلىق كىيىم تارقىتىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىللىقلىق ۋە دوستلۇق يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى.

پەلەستىن تەرەپ خادىملىرى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇساپىرلار لاگىرىغا كېلىپ ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلغانلىقىدىن ئامما چوڭقۇر تەسىرلەندى، بۇ جۇڭگونىڭ پەلەستىن خەلقىنى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردىمىنى تولۇق نامايان قىلدى، پەلەستىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ.

تۇلكارم مۇساپىرلار لاگىرىدا 12 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا ئوپى قىشلىق كىيىملەرنى ئالغاندىن كېيىن، مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى كوچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۈگۈن جۇڭگودىن كەلگەن سوۋغاتقا ئېرىشتىم، بەك خۇشال بولدۇم» دېدى.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن توردا مۇھەببەتلەشكەن ئەر

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章