جەزمەن ھەربىر ئادەمنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك

时事   2024-11-28 09:02   北京  

ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى: 2023-يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كۆپەيدى

دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى دۇنيا بويىچە 630 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭى يېڭىدىن كۆپەيگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 39 مىليون 900 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، 2022-يىلىدىكىدىن 900 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 9 مىليون 300 مىڭ ئادەمنى داۋالاش مۇمكىن بولمىغان. ئاز دېگەندىمۇ 28 دۆلەتتە، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا ئاشماقتا.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان 570 ئايال ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاز دېگەندە 22 دۆلەت ئىچىدە، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئايال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئوخشاش ياشتىكى ئەر يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋىننى بيانيىما مۇنداق بىلدۈردى: ئاياللارنى تەربىيەلىنىش ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئەيدىز كېسىلىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇلازىمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ھەم ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، «ھەربىر ئادەمنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا، جەزمەن ھەربىر ئادەمنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.»

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988-يىلى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى بۇ كۈندە  مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى

12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章