يۈرەك: -مىزاجى ھۆل ئىسسىق بۇلۇپ خىزمىتى قاننى ھەر قايسى توقۇلما ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىدۇ ۋە كونى قاننى قايتۇرۇپ كېلىپ تازىلىنىشقا ئەۋەتىدۇ، ئادەمنىڭ ھېسسىيات پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار: -بەك ياغلىق ۋە ئىسسىق تاماقلار 3-دەرىجىدىن يۇقىرى دورىلار ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر، چارچاپ كېتىش، دەرد ئەلەم ، ناھەقچىلىق قاتارلىق ئامىللار.
ئاقىۋىتى: -ئادەم جۈرئەتسىز يىغلاڭغۇ ئاغرىقچان ئۈمىدسىز بوپ قالىدۇ.
چارىسى: -ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ تاماقلىنىش ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراش .
ئۆپكە : - مىزاجى ھۆل سوغۇق ئىسسىق دىگۈچىلەرمۇ بار .
خىزمىتى : - ئادەمنى ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تەڭشەيدۇ ۋە قاتنىشىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - قالايمىقان دورا ۋە تاماق ئىستېمال قىلىش ، تۈرلۈك زەھەرلەرنى چېكىش ۋە ئېچىش ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، چېنىقماسلىق .
ئاقىۋىتى : - ئاسان ئاغرىيدۇ ، قاننى ياخشى تازىلىمىغاچقا ئادەمنىڭ روھى ھالىتى تۆۋەن ، ئۈمىدسىز ، خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ .
چارىسى : - ئىسسىقدارا ۋە تاماقلار ، ئۆزىنى ئاسراش ، ھەسرەت چەكمەسلىك .
ئاشقازان : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە تالنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولىدۇ .
خىزمىتى : - ئوزۇقلۇقلارنى يۇمشىتىدۇ ، پارچىلايدۇ ۋە دەسلەپكى ھەزىمگە قاتنىشىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - سوغۇق ئىچىملىكلەر ، ھاراق ۋە چېكىملىكلەر ، قاتتىق قۇرۇق نەرسىلەر ، كونىرىغان سېسىپ قالغان يېمەكلىكلەر شۇنداقلا مىزاجىغا ئەھۋالغا قارىماي يېيىلگەن تاماقلار .
ئاقىۋىتى : - ئاشقازان ساڭگىلاش ، يارىلىپ پەيدا بولۇش ، سېسىق كېكىرىش ، قۇسۇش ، قاناش .
چارىسى : - زىرە ، بەدىيان ، سىركە قاتارلىق خۇرۇچلارنى بىللە ئىستېمال قىلىش ، زورلاپ يېمەسلىك كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش .
جىگەر : - مىزاجى ھۆل ئىسسىق
خىزمىتى : - ئاساسىي ھەزىمنى ئورۇنلايدۇ ، ئوزۇقلۇقلارنى تەقسىملەيدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - زەھەرلىك ئىچىملىك ، چېكىملىكلەر ، قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق ئىسسىق ، ئارتۇقچە تەشۋىشلىنىش ، چارچاش ، پاسكىنىلىق .
ئاقىۋىتى : - جىگەر ياللۇغى ، جىگەر قېتىشىش ، جىگەر راكى ، قورقۇنچاقلىق ، چىراي بۇزۇلۇش ، كەم قانلىق ، ھېچنىمە خۇشياقماسلىق .
چارىسى : - يېشىل كۆكتاتلار ، تەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەر ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلاش ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش .
ئۈچەي : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .
خىزمىتى : - ھەزىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، ماددىلارنى يىغىدۇ ۋە چىقىرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - قۇرۇق ئىسسىق ، قورۇلغان يېمەكلىكلەر ، تۇرۇپ قالغان تاماق ، مۇزلۇق ئىچىملىكلەر ، سۈرگە دورىلىرى ، تاماق يەپلا يېتىش .
ئاقىۋىتى : - ئۈچەي تېشىلىش ، قەۋزىيەت ، ئىچ سۈرۈش ، تولغىشىپ قىلىش .
چارىسى : - پاكىز مۇھىتتا تاماقلىنىش ، ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ يېيىش ، قالايمىقان دورا يېمەسلىك .
ئۆت : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .
خىزمىتى : - ھەزىمگە ياردەملىشىدۇ ، قاننى مۇۋاپىق قويۇقلۇقتا ساقلايدۇ ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - بەك ياغلىق ياكى تازىلىقى ياخشى بولمىغان تاماقلارنى يېيىش ، تاماقنى كۆپ يېيىش ، ھاراقنى كۆپ ئىچىش ، كۆپ ئاچچىقلىنىش .
ئاقىۋىتى : - ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ ، ياللۇغلىنىپ قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە يېرىلىپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ، گاھىدا ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن .
چارىسى : - ئارتۇقچە ئاچچىقلانماسلىق ، بىر قېتىمدا كۆپ تاماق يېمەسلىك .
بۆرەك : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەتراپىدىكى چاۋا ياغلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ .
خىزمىتى : - سۈيدۈك ئىشلەيدۇ ، زەھەر تازىلايدۇ ، بەدەننىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - سۇغۇق يەردە يىتىش ، داۋاملىق ياغسىز تاماقلارنى يىيىش ، يىلىڭ يۈرۈش ، كۆپ ئوكۇل سالدۇرۇش ، جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاز ياكى كۆپ شۇغۇللىنىش ، ھۇرۇنلۇق .
ئاقىۋىتى : - بۆرەك سۇۋۇپ كېتىدۇ ، ئىش خۇشياقمايدۇ ، بېلى ئاغرىيدۇ ، چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ ، جىنسىي پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ .
چارىسى : - قەرەللىك تۈردە دوۋساق ۋە بەدىنى بەل ساھەسىنى تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياغلاپ تۇرۇش ، گۈلقەنت ۋە ماددەتۇلھايات ئىستېمال قىلىش ، يىلدا بىر نۆۋەت قۇمغا كۆمۈلۈش ، پىۋىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك ، قايماق ، پولۇ ، ئانار ئىستېمال قىلىش .
تېرە:-مىزاجى مۆتىدىل قۇرۇققا مايىل.
خىزمىتى: -ئەزالارنى قاپلاپ سىرتقى مۇھىتتىن مۇداپىئە قىلىپ تۇرىدۇ، ماددا ۋە ھېسيات ئالماشتۇرىدۇ.
ئۆچ كۆرىدىغىنى:-قۇرۇق سوغۇق ۋە يىرىك تاماقلار، سۈنئىي تالالىق كىيىملەر، پاسكىنىلىق.
ئاقىۋىتى: - يىرىكلىشىش ، خۇنۈكلىشىش ، يېرىلىش، كىرلىشىش.
چارىسى: -شورپا ۋە ئىسسىق سوغۇق تاماقلار، مۇۋاپىق ئاسراش، چېنىقىش.
ھاياتلىق ژۇرنىلى 2011 - يىللىق2-سانىدىن ئېلىندى
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ