خەيرلىك كەچ | مۇھەببەت باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقېتىش ئەمەس

时事   2024-11-02 23:19   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 

ღ ღ ღ



爱情从来不是雪中送炭

مۇھەببەت قانداقتۇ باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقېتىش ئەمەس

ღ ღ ღ


  广播里传来令人身体酥软的声音。午后,当所有的人和动物都变得安静,主播的声音像是只在对我诉说。她问你觉得单身好,还是恋爱好?

رادىيودىن كىشىنى «لاسسىدە» قىلىپ قويىدىغان ئاۋاز كەلدى. كۈچ چۈشتىن قايرىلىپ ھەممە ئادەم ۋە ھايۋانات جىمجىتلىققا چۆمگەن ئاشۇ پەيتتە، دىكتور خۇددى ماڭىلا سۆزلەۋاتقاندەك بىلىنىۋاتاتتى. ئۇ: «بويتاقلىق ياخشىمۇ ياكى مۇھەببەتلەشكەن ياخشىمۇ؟» دەپ سورىدى. 

  我一时没办法回答她,觉得这个问题比“鸡生蛋,蛋生鸡”还要富有哲学性。因为单身的时候我也有过很潇洒的时光,恋爱的时候也有过很伤感的经历。这要怎么说呢?

مەن دەماللىققا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالدىم، بۇ سوئال ماڭا «توخۇ ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ، تۇخۇممۇ؟» دېگەن سوئالدىنمۇ بەكرەك پەلسەپىۋىيلىككە ئىگىدەك تۇيۇلدى. چۈنكى، بويتاق چاغلىرىمدا مېنىڭمۇ تولىمۇ ئەركىن-ئازادە ياشىغان ۋاقىتلىرىم بولغىنىدەك، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ كۆڭلۈم قاتتىق ئازار يېگەن كەچۈرمىشلىرىم بولغان. بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟

  为此我特地请教了单身已二十余年的大壮,大壮对我的这个问题很不屑。在他眼里,无疑单身是最爽的,这也是为什么他的口头禅是:

بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، مەن بويتاق يۈرۈۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان داجۇاڭدىن ئالاھىدە مەسلىھەت سورىدىم، ئۇ مېنىڭ بۇ سوئالىمغا پەقەتلا پەرۋا قىلمىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بويتاقلىق ئەڭ ياخشى ئىدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۆۋەندىكى سۆزلەر چۈشمەيتتى:

  “谈什么恋爱,是酒不好喝,还是手机不好玩?”

«نېمىشقا مۇھەببەتلىشىمەن؟ ھاراقنىڭ ئىچىشلىك ئەمەسلىكىدىنمۇ ياكى يانفوندا قىزىقارلىق نەرسىلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟»

  严格来说,他条件尚可,家里拆迁获得了一笔补偿款,最近还靠自己的积蓄买了辆国产车。可是却未见过他主动追求过别的女孩,偶有女孩因为他的上进抛出橄榄枝,也都以他的冷淡回应,而不了了之。

ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ شارائىتى خېلى ياخشى ئىدى، ئۆيى چېقىلىپ بىرمۇنچە تولۇقلىمىغا ئېرىشكەندىن باشقا، يېقىندا يەنە ئۆزى يىغقان پۇللارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالغانىدى. بىراق، ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىرەر قىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغلىشىپ باققانلىقىنى كۆرمىدىم، ئاندا-ساندا بەزى قىزلار ئۇنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىغا قايىل بولۇپ كۆڭلىنى ئىپادىلىگەندىمۇ، ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى سەۋەبلىك بولدى قىلدى.

  “你不怕别人嘲笑你单身狗吗?”我曾经这样问他。

ئىلگىرى ئۇنىڭدىن: «باشقىلارنىڭ سىزنى ‹بويتاق› دەپ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرىمەمسىز؟» دەپ سورىغانىدىم.

  “他们有时间嘲笑,而我没时间理睬。”他这样回答。

ئۇ: «ئۇلارنىڭ مازاق قىلىشقا ۋاقتى بولغان بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا پەرۋا قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق-دە» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

  我说我就特别不愿意或者说不习惯自己一个人,觉得一个人的生活算不上生活,一个人吃饭也不叫吃饭,总会觉得少点什么。

مەن يالغۇز ياشاشنى پەقەتلا خالىمايدىغانلىقىم ياكى يالغۇز ياشاشقا كۆنەلمەيدىغانلىقىم، يالغۇز ئۆتكەن تۇرمۇشنىڭ تۇرمۇش ھېسابلانمايدىغانلىقى، يالغۇز ئادەمنىڭ تاماق يېيىشىنىڭمۇ تاماق يېيىش ھېسابلانمايدىغانلىقى، ھەمىشە بىرەر نەرسە كەمدەكلا ھېس قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

  他笑着说:因为你是沦为单身,而我是选择单身。

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «چۈنكى سىز بويتاق قالدىڭىز، بىراق مېنىڭ تاللىغىنىم بويتاقلىق» دېدى.

  我不知道有多大的勇气才能做出单身的选择,尤其是在最适合恋爱和催婚最紧的年纪。

مەن بويتاق ياشاشنى تاللاشقا، بولۇپمۇ مۇھەببەتلىشىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان، ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشقا ئەڭ بەك ئالدىرىتىۋاتقان يېشىدا بويتاق ياشاشنى تاللاشقا قانچىلىك جۈرئەت كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

  一个人吃饭,一个人睡觉,一个人看风景,一个人流眼泪。拥有快乐的时候无处分享,遇到痛楚的时候没人倾诉。自己走在大街上,都觉得别人会像看猴一样看自己。

يالغۇز تاماق يېيىش، يالغۇز ئۇخلاش، يالغۇز ساياھەت قىلىش، يالغۇز ياش تۆكۈش. خۇشال بولغاندا بەھرلىنىدىغان ئادىمى يوق، ئازابلانغاندا دەردىنى تۆكىدىغان ئادىمى يوق، كوچىدا ئۆزى يالغۇز ماڭسا، باشقىلار كىشىگە خۇددى باشقا بىر نەرسە كۆرۈپ قالغاندەك قارىشىدۇ.


ღ ღ ღ


ئۇ ماڭا مېنىڭ كۆرگىنىمنىڭ پۈتۈنلەي ئازابلىق تۇيغۇلار ئىكەنلىكى، يالغۇز كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى بايقىيالمىغانلىقىمنى ئېيتتى.

ھازىر ئۇنىڭ كۈنلىرى مول مەزمۇنلۇق ئۆتىدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ بىكار قېلىپ زېرىكىشتىن قورقۇشى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتقا تولغانلىقى سەۋەب بولغان. ئۇ ئەتىگەنلىرى دەل ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەيدۇ، خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدۇ، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن ئۆزى ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ يەيدۇ، ھەپتە ئاخىرلىرى دەم ئالغاندا ۋاسكېتبول سارىيىغا بېرىپ ۋاسكېتبول ئوينايدۇ، ھەر ئايدا تېخى بىر نەچچە كۈن ۋاقىت چىقىرىپ، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدۇ. 

ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكى، زىددىيەت ۋە سۈركىلىشىلەرگە تولغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىغا كىرگۈسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

شۇنداق. كىشى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلالىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنى داۋاملاشتۇرالىغانلىقى، ئۇنىڭدىن بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلىگەنلىكى ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ. ئەركىنلىك دەرىجىسى يەنە بەخت تۇيغۇسىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدۇ، يېتەرلىك دەرىجىدە ئەركىن بولسىڭىز، بەخت كۆرسەتكۈچىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ناۋادا كۈنلىرىڭىز غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتسە، ئەكسىچە بولىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ قارار چىقىرىشى تولىمۇ كەسكىنلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، قارشى تەرەپنى ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. ھەممە ئىشتا قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كېلىدىغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا بۇ خىل خۇشاللىق تۇيغۇسىدىن بەھرلەنگىلى بولمايدۇ.

  一个人的时间安排自由度极高,不工作的时候,想几点起就几点起,晚上想多晚回来就多晚回来,不用费劲心机编造各种理由。

بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تولىمۇ ئەركىن بولىدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سائەت نەچچىدە ئورنىدىن تۇرغۇسى كەلسە، شۇ چاغدا تۇرسا بولىدۇ، كەچتە ئۆيىگە سائەت نەچچىدە قايتقۇسى كەلسە شۇنچىدە قايتسا بولىدۇ، زېھنى-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىپ ھەرخىل باھانە-سەۋەب توقۇشى ھاجەتسىز.

  一个人你愿意有几个异性朋友,就可以有几个,不用害怕有人查你手机,不会因猜疑和误解产生负面的情绪。

ئۆزىڭىز يالغۇز بولسىڭىز يات جىنسلاردىن قانچىلىك دوست تۇتقۇڭىز بولسا، شۇنچىلىك دوست تۇتالايسىز، بىرەرسىنىڭ يانفونىڭىزنى تەكشۈرۈشىدىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز، گۇمان ۋە خاتا چۈشىنىش سەۋەبلىك پاسسىپ روھىي ھالەتمۇ شەكىللىنىپ قالمايدۇ.

  一个人你可以有很多的爱好,比如养狗,比如打游戏,比如邀请几个好友玩牌到深夜,比如去你想去的任何地方。

يالغۇز ئادەمنىڭ نۇرغۇن قىزىقىشى بولسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئىت بېقىش، مەسىلەن، ئويۇن ئويناش، يەنە مەسىلەن، بىر نەچچە دوستىنى تەكلىپ قىلىپ يېرىم كېچىگىچە قارت ئويناش، يەنە مەسىلەن، ئۆزى خالىغان ھەرقانداق جايغا بېرىش، دېگەندەك.

  很多人觉得单身不堪,其实都是放大了别人的眼光,忽略了自己的内心。或许你觉得他人会因为你形单影只而投来鄙夷的目光,但你可能不知道,在经受了矛盾和背叛后,对方是有多羡慕你可以来去自如、心中无牵挂、前行无羁绊。

نۇرغۇن ئادەم بويتاقلىقنى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ نەزىرىنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇسىغا سەل قارىغان. ئېھتىمال، سىز تەنھالىقىڭىز سەۋەبلىك باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە كەمسىتىش نەزىرىدە قارايدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز قارشى تەرەپنىڭ زىددىيەت ۋە يۈز ئۆرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىڭىزنىڭ ئەركىن-ئازادىلىكى، كۆڭلىڭىزدە ئەنسىرەيدىغان ئىشڭىز بولمىغانلىقى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزدا توسالغۇ يوقلۇقىغا قانچىلىك ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

  单身不是来承受的,而是来享受的。当不论什么事情,都需要一己之力来解决的时候,你会锻炼得无懈可击,成为生活的强者。

تەنھالىق بەرداشلىق بېرىش، چىداشلىق بېرىش بولماستىن، بەلكى ھوزۇر ئېلىشتۇر. ھەرقانداق ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىڭىزغا توغرا كەلگەنلىكتىن، سىز تولىمۇ مۇكەممەل بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىسىز.


ღ ღ ღ


  就像我朋友圈那个搬家都不找搬家公司,自己搬行李甚至扛凳子的女孩,在很多拥有伴侣的女生那里,任何体力活应该都不属于分内之事,而一口气提一桶桶装水上五楼,却是她的常态。

خۇددى مېنىڭ دوستلار چەمبىرىكىمدىكى ئۆي كۆچسىمۇ ئۆي كۆچۈرۈش شىركىتىنى ئىزدىمەي، يۈك-تاقلىرىنى ئۆزى توشۇيدىغان، ھەتتا ئورۇندۇقلارنىمۇ ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىزغا ئوخشاش. لايىق تاپقان نۇرغۇن قىزلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار ھەرقانداق جىسمانىي ئەمگەكنى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارالسىمۇ، ئەمما بىر تىنىقتا نەچچە تۇڭ سۇنى بەشىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  同事们纷纷要给她介绍男朋友,认为她的生活惨不忍睹。而她却说,这才是她最真实也最充实的生活,不想因为有了男伴,自己就变成一个只能站在橱窗里的模特。

خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بەكلا ئېچىنىشلىق ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئارقا-ئارقىدىن لايىق تونۇشتۇردى. بىراق، ئۇ دەل مۇشۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇشى ئىكەنلىكى، لايىقى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى تەكچىگە تىزىپ قويۇلغان مودېلغا ئايلاندۇرۇپ قويغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

  爱情从来都是锦上添花,而不是雪中送炭。

مۇھەببەت ئەزەلدىن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەم قىلىش ئەمەس.

  一个选择单身的人,一定是个追求自我的人,不但感觉良好,还要做到更好。不然你自己过得凌乱,等着别人来拯救吗?要知道,没有一个女孩或男孩是抱着拯救别人的心态去找伴侣的,谁也需要关怀,也需要照顾,也需要彼此支持,而不是单纯地付出。

تەنھالىقنى تاللىغان ئادەم ئۆزلۈكنى قوغلىشىدىغان ئادەم بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى قالايمىقانچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇشىنى ساقلامسىز؟ بىلىش كېرەككى، ھېچقانداق قىز ياكى يىگىت باشقىلارنى قۇتقۇزۇش نىيىتىدە جورا ئىزدىمەيدۇ، ھەممە ئادەم يالغۇز بەدەل تۆلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئۆز-ئارا قوللاشقا موھتاج.

  若不能自己活出趣味,那么有了伴侣,带给对方的也不是积极的元素,可能相比单身,还会感觉失败。

بىر ئادەم ئۆزى تۇرمۇشتىن لەززەتلىنەلمىسە، جورىسى بولغاندىن كېيىنمۇ قارشى تەرەپكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلمەي، ئۆزىنى تەنھا ياشىغاندىمۇ بەكرەك مەغلۇبىيەت ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن.

  所以不管是坚持单身,还是考虑结婚,都应该让自己充满魅力。毕竟人生最重要的不是结果,而是体验的过程。

شۇڭا، مەيلى بويتاقلىقتا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممەيلەن ئۆزىنى جەلپكارلىققا تولدۇرۇشى لازىم. چۈنكى، ھاياتتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى نەتىجە ئەمەس، بەلكى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدۇر.

  村上春树说:年轻的时候经历这样一些寂寞孤单的时期,在某种意义上也是必要的吧?对于一个人的成长来说。这就和树木要想茁壮成长必须抗过严冬是一样的。如果气候老是那么温暖,一成不变的话,连年轮也不会有吧。

مۇراكامى خارۇكى مۇنداق دېگەن: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ياش چاغلاردا مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ۋە غېرىبلىق جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بارغۇ دەيمەن. بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خۇددى بىر دەرەخنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قاتتىق سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ناۋادا، كىلىمات ھەمىشە ئاشۇنداق ئىللىق بولۇۋەرسە، ھېچقانداق ئۆزگەرمىسە، يىل ھالقىسىمۇ شەكىللەنمەس بولغىيتتى.

  这个时代,人人都在追求灵魂伴侣,但如若自己没有灵魂,找到了对方,也只能是肉体在你这,而灵魂在别处。

بۇ دەۋردە ھەممە ئادەم مەنىۋىي ھەمراھ تېپىشقا ئىنتىلىۋاتىدۇ. بىراق، ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىزدە كەمتۈكلۈك بار بولۇپ قالسا، ئاشۇنداق ئادەمنى ئۇچرىتالىسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جىسمىلا يېنىڭىزدا بولۇپ، مەنىۋىيىتىگە كىرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: نەدىمۇ تۇغما ماس كېلىدىغانلار بولسۇن؟

 خەيرلىك كەچ | ئالتە تۈرلۈك نادىر كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسى

 خەيرلىك كەچ | كىشىلىك ھايات قائىدىلىرى يوشۇرۇنغان ئالتە ھېكايە

 مىجەز-خۇلقىڭىز قانداق بولسا، شۇنداق يولدا ماڭىسىز

 خەيرلىك كەچ | نادانلارچە ۋاپادارلىق دەل ئەڭ چوڭ ۋاپاسىزلىقتۇر

 خەيرلىك كەچ | جوۋ ئېنلەينىڭ 11 ماددىلىق ئائىلە قائىدىسى

 سەھەر تۇرالمىسىڭىز، يەنە چوڭ ئىشلارنى قىلالامسىز؟

 سىزنى ناھايىتى قالتىس قىلىدىغان ئالتە خىل تۆۋەن قاتلام تەپەككۇرى

◇ خەيرلىك كەچ | توي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم

◇ نېمىشقا دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللىمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟

◇ خەيرلىك كەچ | ھەمىشە «تايىنى يوق» دەۋەرمەڭ

 خەيرلىك كەچ | ئاتا-ئانىڭىز دەۋردىن چۈشۈپ قالمىسۇن

 خەيرلىك كەچ | توي ئىككى ئادەمنىڭ ئورتاق يۈكسىلىش جەريانى





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章