ى
300 گىراملىق چوڭ ئالتۇن زەنجىر توسۇۋېلىندى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا داليەن جوۋشۈيزى ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغاندا، ئىلتىماس قىلماي ئۆتۈش يولىنى تاللاپ تاموژنىدىن ئۆتكەن بىر يولۇچىنىڭ يۈك-تاقىسىنى ماشىنا ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە بىنورماللىق بارلىقىنى بايقاپ، قىممەتلىك مېتال بۇيۇملىرى يوشۇرۇنغان دەپ گۇمانلاندى. يەنە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاموژنا خادىملىرى ئۇنىڭ سومكىسىدىن ئېغىرلىقى 300 گىرام كېلىدىغان بىر ئالتۇن زىننەت بۇيۇمىنى بايقىدى. يولۇچىنىڭ سومكىسىدىكى تالونغا ئاساسلانغاندا، بۇ زىننەت بۇيۇمىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 160 مىڭ يۈەن ئىكەن.
يولۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ چەت ئەلدىن يۇقارقى بۇيۇمنى سېتىۋېلىشى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
تاموژنا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش باشقۇرۇش نىزامى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنىسىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلاردىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئالتۇن ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار دۆلەت چېگرادىن كىرىپ-چىقىشتا چەك قويغان بۇيۇملارغا تەۋە، يولۇچىلار ئالتۇن ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشقا توغرا كەلگەندە، 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا تاموژنىغا يازما ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟