خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
真正的高情商,无非是这四个字
ھېسسىي پاراسەتنىڭ ھەقىقىي يۇقىرىلىقى تۆۋەندىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس
ღ ღ ღ
老A公司最近去了个新人,老A回头和我说,这个新同事情商特别高,可是就是让人觉得哪里不对。
يېقىندا، لاۋچېننىڭ شىركىتىگە بىرەيلەن يېڭىدىن كەلگەن بولۇپ، بىر پۇرسەتتە ئۇ ماڭا بۇ يېڭى خىزمەتدىشىنىڭ ھېسسىي پاراسىتىنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقى، بىراق، ئادەمگە بىر يەرلىرى غەلىتىدەك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
比如,每个早上,她都都会在他们的微信群里发“早上好”,晚上又会第一时间跑出来和人说“晚安”。
مەسىلەن، ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئۇياق شىركەتتىكىلەرنىڭ ئۈندىدار توپىدا «خەيرلىك سەھەر» دەپ يوللىسا، كەچتە يەنە ھەممىنىڭ ئالدىدا «خەيرلىك كەچ» دەپ ئۇچۇر يوللايدىكەن.
QQ群里,如果有人发工作业绩,第一时间跑出来各种赞美;
QQ توپىدا بىرەرى خىزمەت نەتىجىسىنى يوللاپ قالسا، بىرىنچى بولۇپ ھەرخىل ماختاش سۆزلىرىنى ياغدۇرۇۋېتىدىكەن.
和所有不管熟悉的不熟悉的都加上微信,每个同事的朋友圈下面都可以看到她的各种溢美之词。
ئۇ يەنە شىركەتتىكى تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان ھەممەيلەننىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار چەمبىرەككە يوللىغان مەزمۇنلارنىڭ ئاستىدا ئۇنىڭ ھەرخىل مەدھىيە سۆزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
一开始,大家没感觉到,但后来显然有人开始在背后嘀咕了。
دەسلەپتە، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما، كېيىنچە بەزىلەر ئۇنىڭ ئارقىدىن كوتۇلداشقا باشلايدىكەن.
因为工作群里,是用来工作交流的,也就是大家都开了置顶。可手机一响,看到了“早上好”,而不是具体的工作安排,时间一久,就会有点厌烦;
خىزمەت توپىدا خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇ توپنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چوققىلاپ قويغان. بىراق، يانفون سايرىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كۆرىدىغىنى كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بولماستىن، ئەكسىچە، بىر جۈملە «خەيرلىك سەھەر» دېگەن سۆز بولغان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆپچىلىك سەل بىزار بولۇشقا باشلىغان.
工作业绩,其实,大家更希望得到老同事的赞美,新同事说“你做得很棒”,总有点怪怪的;
خىزمەت نەتىجىسى يوللىغاندا يېڭى خىزمەتداشلار «بەك ياخشى قىپسىز» دېسە، بىر ئاز غەلىتە تۇرىدىكەن، ، كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلاشنى خالايدىغىنى يەنىلا كونا خىزمەتداشلارنىڭ ماختاش سۆزلىرى ئىدى.
至于别人的朋友圈,越来越多的人,并不愿意回复她了。
ئۇنىڭ چەمبىرەككە يوللىغان مەزمۇنغا قالدۇرغان مەدھىيە سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالىمايدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ.
这哪是情商高啊。
بۇ نەدىمۇ ھېسسىي پاراسەتنىڭ يۇقىرىلىقى بولسۇن؟
我说,“她显然有点操之过急了。大多数人在没有熟到一定程度,是不愿意敞开心扉接纳任何人的,而你的每一次举动,只会让人觉得用力过猛。那不是情商高,真正的情商高,是不动声色地舒服,而不是牵强附会地讨好。”
__ ئۇ ئېنىقلا ئالدىراپ كېتىپتۇ. كۆپىنچە كىشىلەر تونۇشۇپ مەلۇم دەرىجىگە يەتمىگۈچە ھەرقانداق ئادەمنى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قوبۇل قىلمايدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىڭىز ئانچە تونۇشمىغان بىرى ئالدىدا زىيادە كۈچەپ كەتكەندەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇ ھېسسىي پاراسەتنىڭ يۇقىرىلىقى ئەمەس. ھېسسىي پاراسىتى ھەققىي يۇقىرى بولۇش ئۈن-تىنسىز ھالدا كىشىگە راھەتلىك ئاتا قىلىش، ھەرگىزمۇ زورلاپ خۇشامەت قىلىش ئەمەس،__ دېدىم مەن.
老A点点头:就是这个理,有时也很想提醒她,因为她心本善,也不是刻意想伤害谁,只是她的表达,反而让她吃亏了。
__ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ دەل مۇشۇ قائىدە. بەزىدە ئۇنى بەكلا ئەسكەرتكۈم كېلىدۇ. ئۇ ئاقكۆڭۈل بولغانلىقتىن، بىرەرسىگە قەستەن يامانلىق قىلمايدۇ، پەقەت شۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۇنى زىيان تارتقۇزۇپ قويدى،__ دېدى لاۋچېن بېشىنى لىڭشىتىپ.
是,很多人并不知道什么是真正的情商高,于是因为想表现自己的高情商,而成了别人眼中的低情商。
شۇنداق، نۇرغۇن ئادەم ھېسسىي پاراسەت ھەقىقەتەن يۇقىرى بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسسىي پاراسىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھېسسىي پاراسىتى تۆۋەن ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ღ ღ ღ
大多数人,其实都是有这个毛病的。所谓的情商,一不小心变成了负商。
ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇقسان نۇرغۇن ئادەمدە بار بولۇپ، ھېسسىي پاراسىتى ئېھتىياتسىزلىقتىن، ھېسسىي ئەقىلسىزلىككە ئايلىنىپ قالغان.
真正的情商高,说到底,是一种分寸感和把控感。
ھېسسىي پاراسەتنىڭ ھەقىقىي يۇقىرىلىقى، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر خىل ئۆلچەم تۇيغۇسى ۋە كونترول قىلىش تۇيغۇسىدۇر.
陈道明是在演艺圈是被称为情商最高的男演员之一。
چېن داۋمىڭ ئارتىسلىق ساھەسىدە «ھېسسىي پاراسىتى ئەڭ يۇقىرى ئەر ئارتىسلارنىڭ بىرى» دەپ ئاتالغان.
然而他的情商高,不是表现在他与谁都很热络,而是他在每一件事、每一个人上的分寸感。很多年轻演员都很尊重他,敬畏他,但也有很多演员因为以和他搭档为荣。
ھېسسىي پاراسىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنىڭ ھەرقانداق ئادەمگە قىزغىن بولالايدىغانلىقىدىن باشقا، يەنە ھەربىر ئىش، ھەربىر ئادەمگە تۇتقان ئۆلچەم تۇيغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ. نۇرغۇن ياش ئارتىس ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن ئارتىس ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشالىغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ.
冯小刚就称他,是一个只肯在戏里低头的人。
فېڭ شياۋگاڭمۇ ئۇنى: «فىلىم ئىچىدىلا باش ئېگىشنى خالايدىغان ئادەم» دېگەن.
有一句话在网络上流传,说是陈道明说的:“朋友,我就有骂他的责任,他也有骂我的责任。在事业上、感情上、人生上就有着互相的义务,每次见面都应该有收获,彼此对对方的存在感到一种愉快,而不是整天厮混在一起。”
توردا كەڭ تارقالغان مۇنۇ بىر جۈملىنىمۇ چېن داۋمىڭ ئېيتقان: «دوستقا نىسبەتەن، مېنىڭ ئۇنى تىللاش مەسئۇلىيىتىم بار، ئۇنىڭمۇ مېنى تىللاش مەسئۇلىيىتى بار. خىزمەت، ھېسسىيات، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بولغانلىقتىن، ھەر قېتم كۆرۈشكەندە ئانچە-مۇنچە ھاسىلاتقا ئېرىشىشىمىز، قارشى تەرەپنىڭ ھاياتىمىزدا مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن خۇش بولۇشىمىز، ھەرگىزمۇ كۈنبويى بىرلىكتە لاغايلاپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك.»
不考究这段话的真实性,但也确实很像他,棱角分明,却让人很舒服。在一档综艺节目里,他回应一个演员的故作感动的样子,却也让人心服口服。
بۇ بىر ئابزاس سۆزنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيلى. بىراق، بۇ ئابزاستا تەسۋىرلەنگەن سۈپەتلەر، مەسىلەن، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولۇش، كىشىگە راھەتلىك بېغىشلاش قاتارلىقلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن تېپىلىدۇ. بىر ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا ئۇ بىر ئارتسىنىڭ قەستەن تەسىرلەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەندە، ھەممەيلەننى قايىل قىلغانىدى.
一个人情商高,从来不是因为讨好别人,而是永远记得为别人好,不动声色让人觉得他就是值得在一起的人。
بىر ئادەمنىڭ ھېسسىي پاراسىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا خۇشامەت قىلىش بولماستىن، بەلكى، مەڭگۈ باشقىلارغا ياخشى بولۇشىنى ئەستە ساقلاش، كىشىگە ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۈن-تىنسىز ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
ღ ღ ღ
我刚进单位那会,也总是竭尽全力地想让大家感觉到“我是一个好人”。
مەن ئىدارىگە يېڭى كىرگەن چاغلاردىمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانىدىم.
所以现在回想起来,自己是那种内向且胆小,刻意讨好又玩起不敢说“不”的人。偶尔热心,也并没有有血有肉的样子。
ھازىر ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ئىچ مىجەز، توخۇ يۈرەك، زورلاپ خۇشامەت قىلىدىغان، «ياق» دېيىشنى بىلمەيدىغان، ئاندا-ساندا قىزغىنلىقىم تۇتۇپ قالسىمۇ، ھېچ ئىش قىلالمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن.
直到后来,有一个同事无意间告诉我,为什么所有人觉得你很好,但是并没有人在意你。因为你根本没有让别人感觉到你的存在。
كېيىنگە كەلگەندە، بىر خىزمەتدىشىم مەقسەتسىزلا ماڭا: «نېمىشقا ھەممە ئادەم سىزنى ياخشىدەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما، ھېچكىم سىزنى پەرۋايىغا ئالماسلىقىنىڭ سەۋەبى سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلا ھېس قىلدۇرالمىدىڭىز» دېدى.
许多人,只有在十分困难的时候,需要一个好人;在平时,只需要一个同事。
نۇرغۇن ئادەم ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئاندىن ياخشى ئادەمگە موھتاج بولىدۇ؛ بىراق، ئادەتتە، پەقەتلا بىر خىزمەتداشقا موھتاج بولىدۇ.
你可能无意间打扰了对方。最后,你以为的情商高,不过是别人眼中的刻意为之而已。
سىز ئېھتىمال بىلىپ-بىلمەي قارشى تەرەپكە دەخلى قىلغان بولۇشىڭىز، ئاخىرىدا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى يۇقىرى ھېسسىي پاراسەت باشقىلارغا ساختىلىقتەك بىلىنگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەكسىچە، باشقىلار موھتاج بولغاندا ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشقىلار موھتاج ئەمەس چاغلاردا ئۇلارنى ئاۋارە قىلمىغانلار كىشىنى تېخىمۇ راھەتلەندۈرىدۇ.
ھېسسىي پاراسىتى يۇقىرى كىشىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىكلىكى، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە بەرگەن تۇيغۇسىنى بىلىدۇ.
ساقلاش زۆرۈر بولغان ئارىلىقتا ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى ۋە قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. مانا بۇنى ھەقىقىي راھەتلىك دەيمىز.
ღ ღ ღ
بىر دوستۇم ئىلگىرى ماڭا: «مېنىڭ ئەمدى ھېسسيات بۆلۈنمىسى يۇقىرىدەك كۆرۈنىدىغانلار بىلەن دوست بولغۇم يوق. چۈنكى، ئاخىرىغا بارغاندا ئادەم ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايدىكەن. مەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئازراق قوپال بىلىنسەممۇ، ئەمما، يەنىلا كىشىگە راھەتلىك بېرەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەنىدى.
مەن: «ھېسسىي پاراسىتى ھەقىقىي يۇقىرى كىشىلەر ئۆزىنىڭ سىزدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى چاندۇرۇپ قويماستىن، بەلكى سىزدىن ئۆزىڭىز خالىغان ھالدا پايدىلىنىدۇ. ھېسسىي پاراسىتىنىڭ <يۇقىرىلىقى>نى چاندۇرۇپ قويغان كىشىلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ بىلەرمەنلىكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ» دېدىم.
ئېھتىمال، ئاشۇ ئازراق قوپال ھەم سىز ئارىلىشىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھېسسىي پاراسىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
سىز ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ئۇلارغا بىر تېلېفون قىلسىڭىزلا كۇپايە.
سىزنىڭ تىنچ تۇرغۇڭىز بار چاغلاردا، ئۇلارمۇ جىمجىت ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.
ئىككىڭلار بىللە تۇرغان چاغلاردا ئۇ سىزدە ئۆزىنىڭ پەقەت سىز بىلەنلا ئۇزاقراق تۇرغۇسى بارلىقىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.
ئۇ، ئېھتىمال، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاسان چىقىشقىلى بولمايدىغان، ھەتتا، ئازراق تىكىنى بار ئادەم بولۇشى مۇمكىن. بىراق، سىز يەنىلا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالايدىغان، ئەدەب-قائىدىلىك، ئەيىب-نۇقسانسىز ئادەمدەك ھېس قىلىسىز.
ღ ღ ღ
真正的情商高,是如何让人舒服的?
ھېسسىي پاراسىتى ھەقىقىي يۇقىرى ئادەملەر قانداق قىلىپ كىشىگە راھەت تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ؟
那就是“不动声色”四个字。
بۇنىڭ جاۋابى دەل «ئۈندىمەسلىك»تىن ئىبارەت.
他们会让你觉得,这个人有分寸感,也有坐标感。他们不会界越自己的位置,在你所认为的地方做着她该做的事。
ئۇلار سىزگە ئۆزىدە ئۆلچەم تۇيغۇسى ۋە ئورۇن تۇيغۇسى مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئورنىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ، سىز تېگىشلىك دەپ قارىغان ئورۇندا ئۆزىگە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدۇ.
而或许,我们也该成为这样的人:
ئېھتىمال، بىزمۇ مۇنداق ئادەم بولۇشىمىز كېرەكتۇر:
别再用力过猛了,也别毫无作为了。
زىيادە كۈچەپ كەتمەيدىغان، شۇنداقلا مىدىرلىمايمۇ تۇرىۋالمايدىغان.
待人好,就好好想想如何待人好;想成为好人,就想想如何成为让自己和让别人都舒服的好人。
باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغۇڭىز بولسا، قانداق قىلغاندا باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوبدان ئويلىشىڭ؛ ياخشى ئادەم بولۇشنى ئويلىسىڭىز، قانداق قىلغاندا ئۆزىڭىزنىمۇ، باشقىلارنىمۇ راھەتلەندۈرىدىغان ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈڭ.
而你成为那个懂得分配你的感情、时间以及精力的人,也才最重要。
سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تەقسىملەشنى بىلىدىغان ئادەم بولۇشىڭىز ئەڭ مۇھىم.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟