زور قەبىھ جىنايەتلەر قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ

时事   2024-11-16 18:01   北京  

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: ئېغىر، زور قەبىھ جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېغىر، قاتتىق جازالايدۇ

مۇخبىرنىڭ 14-چېسىلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ 14-چېسلا ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق بىلدۈرگەن: كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئېغىر، زور قەبىھ جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېغىر، قاتتىق جازالاپ، تەپتىش-ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىي دېلولارنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 يىڭ يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەي شەھىرى شياڭجوۋ رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ. تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، پاكىتنى ئېنىقلاش، قانۇن بويىچە جازالاش، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر، زور قەبىھ جىنايەتلەرگە قارىتا، قاراپ چىقىش-تۇتۇشنى تەستىقلاش، قاراپ چىقىش-ئەيىبلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى كەسكىن، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قاتتىق چۆچۈتۈش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章