371 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن! دۆلەت مۈلكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاساسى ئېلان قىلىندى
گوۋۇيۈەننىڭ 2023-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئەڭ يېڭى «ئاساسى» ئېلان قىلىندى.
2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر:
پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 371 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولدى
دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 445 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولدى
مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكى ئومۇمىي سوممىسى 64 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن بولدى
دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 523 مىليون 714 مىڭ گېكتار، پۈتۈن يىللىق سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 578 مىليارد 250 مىليون كۇب مېتىر بولدى
دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023-يىلى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئاساس» تېخىمۇ پۇختىلاندى. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالى مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ
بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ