خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسى ھەققىدە

时事   2024-11-05 12:01   北京  

ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)»11-ئاينىڭ 4-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇ مەزكۇر قانۇننىڭ 1992-يىلى ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 4-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئومۇمىي پىرىنسىپتىكى قىسمەن بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاپ، «ئىككى ئالاقە» تۈزۈم-مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدىكى خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تولۇقلاش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章