شىنجاڭدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى

时事   2024-11-05 15:30   北京  

شىنجاڭدىكى 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 428 دوختۇرخانا تېببىي تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A3 دەرىجىلىك 41 دوختۇرخانا 377 تۈرلۈك تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش تۈرىنى  ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەم باشقا 2-دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 387 داۋالاش ئاپپاراتىنى تەدرىجىي قاپلاپ، داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ يىل 8 ـ ئايدا، «تېببىي تەكشۈرۈشنى تەكرار ئېلىپ بېرىش، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي تەكشۈرۈش ـ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەجرىبىخانىلارنىڭ سۈپەت باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىدىغان 377 تۈرنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈش تۈرىدىن 40ى، تەسۋىر تۈرىدىن 297ى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تۈرىدىن 40ى بار. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى A3 دەرىجىلىك 41 دوختۇرخانا (ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى 39 دوختۇرخانا، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ئىككى دوختۇرخانا)نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا، بىڭتۈەن ۋە 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى A3  دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 428 دوختۇرخانا تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش تۈرلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 90 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق، 137 مىڭ پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ 13 مىليون يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتىنى تېجەپ بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章