ئاپلىسىننىڭ باھاسى ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپلىسىن تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر ئاپلىسىن سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا، ئاپلىسىن پوستىنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە، ئاپلىسىن پوستىنىڭ ئىشلىنىدىغان جايى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاپلىسىن پوستى ئارقىلىق بىر يىلدا نەچچە يۈز يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپلىسىن پوستىنى كىندىكىگە چاپلاشنىڭ ئۈچ پايدىسىنى سۆزلەپ بېرىمىز!
ئاپلىسىن پوستىنى كىندىككە چاپلاش ئۇسۇلى
ئاۋۋال بىر يېڭى ئاپلىسىن تەييارلاپ، ئاپلىسىن پوستىنى چوڭراق قىلىپ سويىمىز. يەنە بىر تال دورىلىق چاپلاق تەييارلاپ، ئۇنى ئاپلىسىن پوستىنىڭ ئۈستىگە چاپلايمىز.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپلىسىن پوستىنى كىندىكىگە چاپلاپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تۆۋەندە ئاپلىسىن پوستىنى كىندىككە چاپلاشنىڭ زادى قانداق رولى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
ئەمەلىيەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپلىسىن پوستىنى كىندىكىگە چاپلاشنىڭ ئۈچ خىل پايدىسى بار.
بىرىنچى پايدىسى بولسا ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئاپلىسىن پوستىنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى ياخشىلاش رولى بار. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپلىسىن پوستىنى كىندىك ئۈستىگە چاپلىغاندا ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى پايدىسى شۇكى، نەملىكنى يوقىتىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە نەملىك ئېغىر بولغاچقا، خام سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىندىكىگە ئاپلىسىن پوستىنى چاپلاپ بەرسە، نەملىكنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە ماي سىيرىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۈچىنچى پايدىسى بەدەننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كەچتە ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنى يەنىلا ھەزىم قىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئاپلىسىن پوستىنى كىندىككە چاپلىغاندا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، توكسىنلارنى بەدەن سىرتىدىغا چىقىرىپ تاشلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان ئاپلىسىن پوستىنى يەنە تاشلىۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيامدۇ؟