دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى، نەدىمۇ «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى» بولسۇن!
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: تەيۋەن «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى»نىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان بىرىنچى ئارال زەنجىرىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكى دۇنياۋى سودىدىكى مۇھىم سۇ يولى ئىكەن، ئازادلىق ئارمىيە تەيۋەننى قامال قىلسا، خەلقئارا قائىدە بويىچە بارلىق پاراخوت-ئايروپىلانلارنىڭ كىرىشىنى چوقۇم چەكلىشى كېرەك ئىكەن، بۇ خىل ئۇسۇل ئۇرۇش قىلمىشى دەپ قارىلىپ، خەلقئارانىڭ پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟
جاڭ شياۋگاڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى، نەدىمۇ «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى» بولسۇن! تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ھەرقانداق سىرتقى ئارىلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار مانىۋېر ھەرىكىتى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. مىنجىنداڭ پارتىيەسى دائىرىلىرىنى ھوشىنى تېپىشقا ئاگاھلاندۇرىمىز، «چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى كۆپتۈرۈش» نىڭ چىقىش يولى يوق، دەرھال يار لېۋىدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
◇ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى
◇ ئايال خىزمەتچىلەرگە «ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەم ئېلىشى» بېرىلىدۇ
◇ بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس
◇ ياشلارنىڭ مۇكەممەل توي مۇراسىمى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟