ئاق تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىش، يەلنى ھەيدەپ بەدەننى ئىللىتىش، ئىشتىھانى ئېچىپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار.
ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاق تۇرۇپنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
تېنى ئاجىزراق بالىلار ۋە ياشانغانلارغا قىش پەسلىدە ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاق تۇرۇپ يېسە سۇ تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازان كاۋىكى چىڭقىلىش، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ كېلىش، دېمى سىقىلىش ۋە زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىشتا، ئاق تۇرۇپنى مۇنداق يەڭ، ئاسان كېسەل بولمايسىز
01
خام يېيىش
ئاق تۇرۇپنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ، يېيىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ، خام يېگەندە چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاش، ئادەتتە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى تال، ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىزلارغا پىشۇرۇپ يېگۈزۈش كېرەك.
1. تۇرۇپنىڭ چوققىسىدىن 3 ~ 5 سانتىمېتىرغىچە بولغان يېرىنىڭ سۇ تەركىبى بىر قەدەر ئاز، ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، قەلەمچە قىلىپ قورۇشقا، شورپا قىلىشقا، قوي گۆشى بىلەن قىيما قىلىشقا ماس كېلىدۇ، تەمى ناھايىتى ياخشى، لىكىن خام يېيىشكە بولمايدۇ.
2. تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ قەنت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، تاتلىقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، چۈرۈك، يۇمشاق، بۇ قىسمىنىڭ تەمى ئەڭ ياخشى، شۇڭا خام يېيىشكە ماس كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدا سالات قىلىشقا ياكى سوغۇق سەي قىلىشقىمۇ ناھايىتى ماس كىلىدۇ، يېيىشلىك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قورۇشقىمۇ ياكى شورپا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
3. تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ تۆۋىنىدىن قۇيرۇقىغىچە بولغان قىسمىدا كراخمال ئېنزىمى ۋە قىچا مېيى كۆپرەك بولۇپ، تەمى ئاچچىق، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەگەر تۇرۇپنىڭ ئاچچىق تەمىنى ياقتۇرسىڭىز، خام يېيىشنى تاللىسىڭىزمۇ ياكى تۇزغا چىلاپ قۇرۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاچچىق تەمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلار قورۇما قورۇش، شورپا سېلىش ياكى قىيما قىلىش قاتارلىق قورۇما قورۇش ئۇسۇللىرىنى تاللىسا، ئاچچىق تەمنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
02
باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش دۈملەپ پۇشۇرۇپ يىيىش
1. ئاق تۇرۇپ + پۇراقلىق موگۇ
راكقا قارشى تۇرۇش، ئۈچ يۇقىرىلىقنى تۆۋەنلىتىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئاق تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە لىگنىن بار بولۇپ، لىگنىن زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ باكتېرىيە، يات ماددا ۋە نېكروزلانغان ھۈجەيرىلەرنى يۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تۇرۇپنىڭ يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
چۈنكى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى بار، بۇ خىل بىرىكمىلەر كۈچلۈك مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، زۇكامدىن كېلىپ چىققان ياللۇغلىنىش ۋە يۆتىلىشكە ناھايىتى پايدىلىق. پۇراقلىق موگۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ماھىرى بولۇپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ دۈملەپ پىشۇرغاندا راكقا قارشى تۇرۇش، ئۈچ يۇقىرىلىقنى تۆۋەنلىتىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
2. ئاق تۇرۇپ + لامنارىيە
بەلغەمنى بوشىتىپ ئىششىقنى ياندۇرۇش، قالقانسىمان بەزنىڭ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
لامنارىيە ۋە قىزىل دېڭىز يۈسۈنى تەركىبىدە يود مول، ئاق تۇرۇپ بىلەن لامنارىيەنى بىللە قاينىتىپ شورپا قىلسا بەلغەمنى بوشىتىپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، قالقانسىمان بەز ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
3. ئاق تۇرۇپ + قوي گۆشى
جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ
كۈز ۋە قىش پەسلىدە قوي گۆشى يېسە سوغۇقنى ھەيدەپ، ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ، يەنە بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.
لېكىن، «گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ» ، قوي گۆشىنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئاق تۇرۇپ بىلەن بىللە دۈملەپ يېسە، بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسىقنى ھەيدەپلا قالماستىن، يەنە ماينى ھەيدەپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
4. ئاق تۇرۇپ + تاپانبېلىق
بەدەننى ئىللىتىپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرۇش
ئاق تۇرۇپ بىلەن تاپانبېلىقنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، مىجەزنى تەڭشەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، نەملىكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
5. ئاق تۇرۇپ + دۇفۇ
ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى
ھاۋا ئاستا-ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى، قىزىق ھور چىقىپ تۇرغان ئاق تۇرۇپ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى، تۆۋەن ئىسسىقلىق، يۇقىرى تالا، يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك ئاقسىلى، ئۈچ يۇقىرى بولغان دوسلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى.