راكنى تىزگىنلەيدىغان 6 خىل يىمەكلىك - چۇقۇم بىلىۋىلىڭ

文摘   2024-11-07 11:02   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن يىمەكلىكلەرنىڭ راكقا قارىشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى ، بۈگۈن ئاساسلىق تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە خىل راكقا قارىشى تۇرغۇچى يىمەكلىكلەرنى تۇنۇشتۇرىمىز ،  راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ھامان، تۇرمۇشتىكى تۆت خىل يېمەكلىكنى يېسىڭىز سىزنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلىشىڭىزگە بەلگىلىك ياردەم بېرىپ، بەدىنىڭىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ .

1. لامنارىيە : - لامنارىيەنى كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرىدۇ، لامنارىيە تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يود ئېلېمېنتى بولۇپ، يود ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ، بۇ راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. شۇڭا، كۆپچىلىك ئادەتتە كۆپرەك يەپ بەرسە،  راك ھۈجەيرىلىرىنى كونترول قىلىپ، تېنى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

2. ئاپتاپپەرەس ( خام گازىر ) : - ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، تۆمۈر، يوپۇرماق كىسلاتاسى، سىنك ۋە يېمەكلىك تالاسى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىتامىن E نىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتاپپەرەستىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر ئەينۇلا، ياڭاق ۋە خاسىڭدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ.

3. تەرخەمەك : - تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىتامىن "س" مول بولۇپلا قالماي، تېرىنى ئاقارتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم تەرخەمەك يەپ بەرگەندە يەنە راكقا قارشى تۇرۇپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەمنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

4. سېرىق پۇرچاق : - سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار بولۇپ، ھەر كۈنى سېرىق پۇرچاق سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، كالتسىي تولۇقلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىنى ئويناپ، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىپ، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق.

5. سامساق : - سامساق تەركىبىدە سامساق ماددىسى ۋە سېلىن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا سامساقنىڭ « يەردىن ئۆسۈپ چىققان پېنسىلىن» دېگەن نامىمۇ بار.

6. چېچەكسەي ۋە كاللەكبەسەي : - كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، جۈملىدىن چېچەكسەي، كاللەكبەسەي، كوكۇس چېچەكسەي، بىخسىمان كاللەكبەسەيلەرنىڭ ھەممىسى راكقا قارشى تۇرغۇچى يېمەكلىكلەردۇر. نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى كۆكتاتلارنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان راكى، ئەمچەك راكى، ئۈچەي راكىنىڭ تەھدىتىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلاردىكى كېسەل داۋالايدىغان ماددىلار ۋىتامىنمۇ ئەمەس، مىنېرال ماددىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر قاتار ئىندىگو ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان مۇرەككەپ بىرىكمىلەردۇر. ئەمما ئىندىگو سۇدا پىشۇرغاندا يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك. 

 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章