ئەڭ ياخشى كەيپىياتىڭىزنى ئەڭ يېقىنلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ

时事   2024-11-03 22:30   北京  





最好的情绪,要留给最亲的人

ئەڭ ياخشى كەيپىياتىڭىزنى ئەڭ يېقىنلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ


ღ ღ ღ


从小,我爸妈就常常吵架,鸡毛蒜皮的小事都能掀起轩然大波。


كىچىكىمدىن ئاتا-ئانام تولا سوقۇشاتتى، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈنمۇ قاتتىق ئۇرۇش-تالاش قىلاتتى.

比如在吃饭这件事上,我爸很挑食,他口味重,嗜辣,水果也只喜欢榴莲。我妈觉得年纪大的人要预防高血压,所以饭菜就煮得清淡。所以,常常到饭点的时候,两个人会为了菜色和口味起争执。


مەسىلەن، تاماق يېيىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دادام بەكلا تاماق تاللايتتى، تاماقنىڭ تۇزلۇقراق بولۇشىنى خالايتتى، ئاچچىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەتتى، مېۋىلەردىنمۇ پەقەت دۇريان مېۋىسىنىلا ياقتۇراتتى. ئانام بولسا، ياشقا چوڭلاپ قالغانلار قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، تاماق ۋە قورۇمىلارنى سەل تۇزسىزراق ئېتەتتى. شۇڭا، ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئىككەيلەن قورۇمىلارنىڭ رەڭگى ۋە تەمى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلاتتى.

争执的过程中,除了相互指责,有时甚至还会有分居、离婚此类的要挟。


تالاش-تارتىش جەريانىدا، ئۇلار بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەندىن باشقا، يەنە بەزىدە ھەتتا، ئايرىلىپ تۇرايلىچۇ، بولمىسا ئاجرىشىپلا كېتەيلى، دەپ پوپوزا قىلىشاتتى.

隔天我陪我妈去买菜的时候,她还会一直不停地骂骂咧咧。她说,这男人是怪人,这辈子遇见他是个错误。


ئەتىسى كۆكتات سېتىۋالغىلى مەن ئانام بىلەن بىللە چىققاندا، ئانام تېخى ئادەم تىللىغاندەك توختىماي بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىيتتى، «نېمە دېگەن غەلىتە بىر ئەر بۇ! مۇشۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ، ھەي، ئەقلىمدىن ئېزىپتىكەنمەن.» دەپ قاخشايتتى.

但是在路过干货摊子的时候,她还是会自然地掏出手机扫码,买十块钱的辣椒、花椒。再在路过水果摊的时候,扛走了一个榴莲。


بىراق، قۇرۇتۇلغان كۆكتاتلار ساتىدىغان يايمىدىن ئۆتكەندە، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يانفونىنى چىقىرىپ، ئىككىلىك كودنى سايىلىگەندىن كېيىن، 10 يۈەنلىك مۇچ ۋە كاۋاۋىچىن سېتىۋالاتتى، مېۋەكەشلەر يايمىسىدىن ئۆتكەندە تېخى بىر دۇريان مېۋىسىمۇ سېتىۋالاتتى.

我们身边有很多人对待家人明明是关心的,却总是刀子嘴,把最刻薄的一面留给家人。


ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېنىقلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىراق، دائىم ئاغزى قاتتىقلىق قىلىپ سۆزلەپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ رەھىمسىز تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ.

当我长大后和朋友聊起父母的感情,他们诧异地叫道:“原来你爹妈也这样啊!” 


مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، دوستلىرىمغا ئاتا-ئانامنىڭ ھېسسىياتىنى سۆزلەپ بەرسەم، ئۇلار ھەيران قېلىپ: «سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزمۇ شۇنداقكەن-دە!» دېيىشتى.


ღ ღ ღ



我们总是将最坏的情绪留给最亲的人,哪怕在表白的时候也是“恶语相向”。


بىز ھەمىشە ئەڭ ناچار كەيپىياتىمىزنى ئەڭ يېقىنلىرىمىزغا قالدۇرىمىز، كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىگەندىمۇ قوپال گەپلەرنى ئىشلىتىمىز.

我朋友说,他爸妈一直以来都是两个一点就燃的暴脾气,吵了几十年,在刚过知天命之年的时候,吵到要去离婚的地步。


دوستۇم ماڭا ئاتا-ئانىسى ھەققىدە بەزى ئىشلارنى سۆلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزى بەكلا چۇس بولۇپ، تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان پوجاڭزىدەك ئىكەن، ئاتا-ئانىسى نەچچە 10 يىلغىچە سوقۇشۇپلا چىقىپتۇ، دوستۇم ھەممىنى بىلگۈدەك ياشتىن ئۆتكەن ۋاقىتلىرىغا كەلگەندىمۇ، ئۇلار يەنە سوقۇشۇپ ئاجراشقۇدەك يەرگە يېتىپتۇ. 

但是不巧,隔天早上他妈去锻炼的时候,不小心摔倒了,生命垂危。他那个脾气极其倔强的父亲心急如焚,衣带不解地照顾他妈的生活起居直至她康复,最后也就忘了要去离婚的事。


بىراق، بىر كۈنى ئەتىسى ئەتىگىنى ئانىسى چېنىققىلى چىققاندا، ئويلىمىغان يەردىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ ئېغىر يارىلىنىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قاپتۇ. ئۇنىڭ ھېلىقى جاھىل دادىسىنىڭ ئىچى تىتىلداپ، ئانىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن تاكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە خەۋەر ئاپتۇ، ئاخىرىغا بېرىپ ئاجرىشىدىغان ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. 

但在他妈快好的时候,两个人又拌嘴了。这时,他听到他爸冲他妈吼道:“我一辈子赔在你身上,一把年纪就凑合着过吧。”


بىراق، ئۇنىڭ ئانىسى ساقىياي دېگەندە، دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككەيلەن يەنە تاكاللىشىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا دوستۇم دادىسىنىڭ ئانىسىغا ۋارقىراپ: «مەن ئۆمرۈمنى ساڭا ئاتىغانمەن، بۇ ياشقا كەلدۇق، ئەمدى چىداپ ئۆتۈپ كېتەيلى.» دېگىنىنى ئاڭلاپتۇ. 

你看,有很多丈夫连撒娇都是逞强式的。


قاراڭ، نۇرغۇن ئەرلەر گەرچە مانا مۇشۇنداق ئەركىلەپ تۇرسىمۇ، يەنىلا نوچىلىقىنى كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ.

很多夫妻明明生活里是彼此依赖深情,但表达关心和爱的方式要么就是沉默,要么就是打压,甚至是对抗。


نۇرغۇن ئەر-ئايال گەرچە تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە تايىنىدىغان، بىر-بىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولسىمۇ، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە، يا سۈكۈت قىلىدۇ ياكى ھېسسىياتىنى يوشۇرىدۇ، ھەتتا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.

朋友还说,其实,他的父母留给外人的印象都是“和蔼友善”的,只是回到家来,两个人都会把工作上的不好情绪一并带回来,然后找到一个导火索,趁机把气撒在对方身上,活生生把家变成了一个没有硝烟的战场。


دوستۇم يەنە ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ باشقىلارغا «مۇلايىم ۋە دوستانە» تەسىر بېرىدىغانلىقى، بىراق، ھەر ئىككەيلەننىڭ خىزمەتتىكى ناچار كەيپىياتىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر ئوت پىلتىسى تېپىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنى قارشى تەرەپتىن چىقىرىدىغانلىقى، ئائىلىنى ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

曾经有人说过,我们最大的错误就是,把最差的情绪和最糟糕的一面都给了最亲近和最爱的人,却把耐心和宽容留给了陌生人。


بۇرۇن بىرەيلەن: «بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز ئەڭ ناچار كەيپىياتىمىز ۋە ئەڭ قاملاشمىغان تەرىپىمىزنى ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلىرىمىزگە قالدۇرۇپ، سەۋرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى ناتونۇشلارغا قالدۇرغىنىمىز.» دېگەنىدى.

家本应该是每个人休憩的港湾,是每个在外打拼的人放下一身戒备、获得爱的能量、再重新出发的地方,是我们生命中最值得用心去经营去维护的地方。而家人,更是会相伴我们一生,且最爱我们的人。


ئائىلە ئەسلىدە ھەربىرەيلەن ھاردۇق ئالىدىغان ئارامگاھ بولۇشى، سىرتتا تىرىشىپ ئىشلىگەنلەرنىڭ بارلىق ئېھتىياتلارنى تاشلايدىغان، مۇھەببەتكە ئېرىشىدىغان، يەنە قايتىدىن يولغا چىقىدىغان ئورنى بولۇشى، ھاياتىمىزدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ باشقۇرىدىغان، قوغدايدىغان جاي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئائىلىمىزدىكىلەر بىزنىڭ بىر ئۆمرىمىزگە ھەمراھ بولىدىغان، شۇنداقلا بىزنى ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلەردۇر.

所以,对外人彬彬有礼的我们,为什么和最亲的人反而不有话好好说呢?


شۇڭا، باشقىلارغا تولىمۇ ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىز نېمىشقا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن ئوبدانراق پاراڭلاشمايمىز؟

比如,用“亲爱的”代替“喂”,用“我想你”代替“你死哪里去了”,用“我希望你……”代替命令,用“我们都冷静下”代替嘶吼咒骂……


مەسىلەن، «ھەي»نىڭ ئورنىغا «سۆيۈملۈكۈم»نى ئالماشتۇرساق، «نەگە يوقالدىڭ»نىڭ ئورنىغا «سىزنى سېغىندىم»نى ئىشلەتسەك، بۇيرۇق قىلغاننىڭ ئورنىغا «سىزنىڭ... ...نى ئارزۇ قىلىمەن»نى ئىشلەتسەك، كانىيىمىز يىرتىلغۇچە ۋارقىراپ-جارقىرىغاننىڭ ئورنىغا «ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى بېسىۋالايلى.»نى ئىشلەتسەك بولىدۇ....

伤谁也不能伤家人的心。


باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساقمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايلى.


ღ ღ ღ



曾听过这样一种说法,我们的婚姻容易缺少亲昵、情话、幽默、欣赏、沟通、童心、浪漫等7样东西。


ئىلگىرى بىراۋنىڭ مۇنداق بىر قارىشىنى ئاڭلىغانىدىم. بىزنىڭ توي تۇرمۇشىمىزدا، ھە دېگەندە مۇنداق يەتتە نەرسە كەم. ئۇ بولسىمۇ، يېقىنلىق، مۇھەببەتلىك سۆزلەر، يۇمۇرىستىكىلىق، ھوزۇرلىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، بالىلىق قەلب ۋە رومانتىكىلىق.

很多年前,有一部电视剧叫《金婚》。在故事里,妻子文丽从小娇生惯养,还有点洁癖;丈夫佟志天性懒散,不修边幅。从一开始,两人生活上就不合拍,不断发生大大小小的矛盾和磨擦。


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى «ئالتۇن توي» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغان. ئۇ تىياتىردىكى ھېكايىدە، ئايالى ۋېن لى كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغاندىن باشقا، يەنە ئازراق چېچەن پاكىزلىقى بار؛ يولدىشى تۇڭ جى بولسا، بۇرۇندىنلا چېچىلاڭغۇ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. دەسلەپتە، ئىككەيلەن تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي، ئائىلىسىدە چوڭ-كىچىك زىددىيەتلەر ۋە سۈركىلىشلەر ئۈزۈلمەيدۇ.

随着日子一点点过下去,两个人的冲突却从没停止过,比如婆媳关系问题、孩子的教育问题、财务问题、配偶的外遇风波……甚至一直到金婚的日子,两个人还会为穿不穿礼服这样的小事情拌嘴。


كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككەيلەننىڭ زىددىيىتى يەنىلا توختىمايدۇ. مەسىلەن، قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى مەسىلىسى، بالا ئوقۇتۇش مەسىلىسى، مالىيە مەسىلىسى، جورىسىنىڭ تالاغا قارىشى دېگەندەك. ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئالتۇن تويى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنىمۇ مۇراسىم كىيىمى كىيىش ياكى كىيمەسلىك توغرىىسىدا تاكاللىشىدۇ.

风雨数十年,从未停止过争吵。但你不能否认,他们是有感情的。


ئۇلار نەچچە 10 يىللىق جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، تالاش-تارتىشلار توختىمايدۇ. بىراق، سىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە مېھرى بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايسىز.

人这一生啊,得走过多少风雨,两个人要没点定力,早就被生活的巨浪打散了。


ئىنسان بۇ ھاياتىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئىككەيلەن ئازراقلا ئۆزىنى تۇتالمىسا، تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئىككى تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. 

你只是羞于说我爱你。跟有人外出买菜会带回一把玫瑰的亲昵相比,你只会买菜时多带一个他喜欢吃的倭瓜,多抓一把她喜欢吃的樱桃。


سىز پەقەت «مەن سىزنى سۆيىمەن.» دېيىشتىن خىجىل بولىسىز. باشقىلارنىڭ كۆكتات ئالغىلى چىققاچ بىر دەستە ئەتىرگۈل ئېلىپ كىرىپ يېقىنچىلىق قىلغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، سىز كۆكتات ئالغىلى چىققاندا، ئۇ ئامراق كاۋىدىن بىر تالنى ئارتۇق ئەكىرىسىز، ئۇ ئامراق گىلاستىن بىر نەچچىنى ئارتۇق سېتىۋالىسىز. 

更多的是,就像金婚里的剧终,文丽生病了,佟志痛苦不堪,当文丽告诉佟志要好好照顾自己时,两人在雪地里还会为谁先走在对方的前面而争吵。


بىزدىمۇ خۇددى «ئالتۇن توي»ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىشلارغا ئوخشاش ئىشلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. يەنى، خۇددى ۋېن لى ئاغرىپ قالغاندا، تۇڭ جى قاتتىق ئازابلانغان، ۋېن لى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى ئېيتقاندا، ئىككەيلەن يەنىلا قاردا كىمنىڭ ئاۋۋال ماڭىدىغانلىقىنى تالاشقاندەك ئىشلار. 

很多家庭有的就是一种细水长流的寡淡,但比金坚的感情。


نۇرغۇن ئائىلىدە بىر خىل ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئوخشاش لەززەتسىزلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ، ئەمما، مېھرى-مۇھەببىتى ناھايىتى مۇستەھكەم بولىدۇ.

所以,正因为他们是你生命中最重要的人,更要被温柔相待。把坏情绪消灭,让温暖回归家庭,这才是对待爱你和你爱的人最正确的方式。


شۇڭا، ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەملەر بولغانلىقتىن، تېخىمۇ ئىللىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. ناچار كەيپىياتىڭىزنى يوقىتىپ، ئائىلىڭىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ بېرىڭ. مانا بۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىز ياخشى كۆرىدىغانلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى.


ღ ღ ღ



其实,要说有不吵架的婚姻,还几乎不存在的。


ئەمەلىيەتتە، سوقۇشمايدىغان ئائىلە تۇرمۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت ئەمەس.

身边有对被称为金童玉女的朋友结婚了,但令人唏嘘的是,两人在争吵不断后还是离婚了。


«ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىپتۇ.» دەپ ئاتالغان بىر جۈپ دوستىمىز توي قىلدى. بىراق، كىشىنى خۇرسىندۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككەيلەن سوقۇشۇپ توختىمىغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتى.

你看,再美的璧人、再美的承诺,一旦放到同一屋檐下,缺点暴露无遗,它的童话总会幻灭。


مانا قاراڭ، ھەرقانچە گۈزەل ئادەمنىڭمۇ، ھەرقانچە چىرايلىق ۋەدىنىڭمۇ كەمچىلىكى بىر ئۆيگە كىرگەندە تولۇق ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھېكايە-چۆچەكلەرگە ئوخشاش قىياپىتى ھامان يوقىلىدۇ.

所以,相处之道无非就是包容、理解,不说狠话。


شۇڭا، چىقىشىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى كەڭ قورساقلىق قىلىش، چۈشىنىش، زەھەردەك گەپ قىلماسلىقتۇر.

《一代宗师》里说:夫妻之道,在于无声胜有声。


«بىر ئەۋلاد پېشىۋالار»ناملىق كىنودا: «ئەر-ئاياللىق يولى ئاۋازسىز تەرەپنىڭ ئاۋازلىق تەرەپنى بېسىپ چۈشۈشى» دېيىلگەن.

善待亲人,不管是妻子、孩子,还是父母。


يېقىنلىرىڭىزغا، مەيلى ئايالىڭىز بولسۇن، مەيلى بالىڭىز بولسۇن ۋە مەيلى ئاتا-ئانىڭىز بولسۇن، ھەممىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. 

所以,在我们即将情绪爆发时,不妨牢记“家,是我们最该珍惜的地方”。


شۇڭا، ناچار كەيپىياتىمىز پارتلاشتىن ئاۋۋال «ئائىلە بىز ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك جاي» ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىغىنىمىز ياخشى.

所以,在每一次因为小事怒火中烧时,不妨学着克制情绪,去包容那些小错误。


شۇڭا، ھەر قېتىم ئۇششاق ئىشلار سەۋەبلىك زەردىمىز قاينىغاندا، كەيپىياتىمىزنى كونترول قىلىپ، ئۇششاق سەۋەنلىكلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىنىمىز ياخشى.

请把最好的情绪,留给最亲的人。


ئەڭ ياخشى كەيپىياتىڭىزنى ئەڭ يېقىنلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؟

 خەيرلىك كەچ: ھاياتىڭىز نېمىشقا شۇنچە مەنىسىز؟

 خەيرلىك كەچ: ئادەم نېمىشقا قانچە تىرىشقانچە شۇنچە تەشۋىشلىنىدۇ؟

 خەيرلىك كەچ: كىم بىلەن بىللە بولۇش ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم

 بىر ئائىلىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ تۆت ئالامىتى

◇ خەيرلىك كەچ: ئۆزىنى باشقۇرۇشتىكى سەككىز ياخشى ئادەت

◇ ئانا، مەن سىزنى چۈشىنىمەن، شۇڭا، سىزنى تېخىمۇ سۆيىمەن




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章