你才是自己的贵人
شەپقەتچىڭىز دەل ئۆزىڭىز
ღ ღ ღ
下班的路上,手机响,传来小周兴奋的声音:姐,我升职了,海外事业部经理,我终于也挣年薪了!
ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېتىۋاتسام يانفونۇم سايراپ، قۇلىقىمغا شياۋجوۋنىڭ ھاياجانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى: «ئاچا، مەن ئۆستۈرۈلۈپ، چەت ئەل خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولدۇم، ئاخىرى يىللىق مائاش ئالالايدىغان بولدۇم!»
小周是我的一个前同事,他学的是国际贸易,由于在我们这专业不对口,他辞职去了一家贸易公司。
شياۋجوۋ مېنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم، ئۇ خەلقئارا سودا ئۆگەنگەنىدى. بىراق، شىركىتىمىزنىڭ كەسپى توغرا كەلمىگەچكە، ئۇ ئىستېپا بېرىۋېتىپ، بىر سودا شىركىتىگە بارغانىدى.
记得两年前那个三十一号的下午。已经过了下班时间,我正要关电脑回家,小周发来当天的工作日志。
ئىككى يىل ئىلگىرىكى 31-چېسىلا چۈشتىن كېيىن ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ۋاقىت ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، كومپيوتېرىمنى تاقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، شياۋجوۋ شۇ كۈنلۈك خىزمەت خاتىرىسىنى يوللاپ قالدى.
这是公司规定,每位员工都要在每天早上一上班,把前一天的工作日志发给我们部门。现在发,是因为他明天就不来上班了。
بۇ، شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ، ھەربىر خىزمەتچى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئىشقا چىقىشى بىلەنلا ئالدىنقى كۈنلۈك خىزمەت خاتىرىسىنى بىزنىڭ بۆلۈمگە يوللاپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئەتىسى ئىشقا كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر يوللىغانىدى.
我打开小周的日志,在他在岗的最后一天,工作依然安排得一丝不苟。本来他白天已经把所有的离职手续都办完了,完全可以不必再写日志。
مەن شياۋجوۋنىڭ خاتىرىسىنى ئاچتىم. ئۇ بۇ يەردە ئىشلىگەن ئاخىرقى بىر كۈندىمۇ خىزمەتلىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەسلىدە ئۇ خىزمەتتىن ئايرىلىش رەسمىيەتلىرىنى كۈندۈزدە بېجىرىپ بولغانلىقتىن، يەنە خاتىرە يېزىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
那一刻,我心里怦然一动——这个不言不语的小伙子,他做事的态度,认真得让人感动。
شۇ دەقىقىدە كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ كەتتى -- كۆپ گەپ قىلمايدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئىش قىلىش پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى.
记得当初小周来应聘时,虽说专业不对口,但他的表现非常出色,初试复试成绩都排在前面,属于破格录用。小周给安排到了技术部,那些高难度的软件他之前基本没有接触过。不知道他付出了多少辛苦,竟用一个月时间,全部学会了。那段时间,他整个人瘦了一圈。
ئېسىمدە قېلىشىچە، شياۋجوۋ خىزمەت ئىزدەپ كەلگەندە، گەرچە كەسىپ ئۇدۇل كەلمىسىمۇ، ئەمما ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان، دەسلەپكى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقتىن، قائىدىنى بۇزۇپ قوبۇل قىلغانىدۇق. شياۋجوۋ تېخنىكا بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردىكى قىيىنلىقى يۇقىرى يۇمتاللار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچرىشىپ باقمىغانىدى. ئۇ قانچىلىك جاپا تارتتىكىن، بىر ئايدىلا ھەممىنى ئۆگىنىۋالدى. شۇ چاغلاردا ئۇ خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەنىدى.
正想着,小周和我来道别了,我们互相加了微信。他临出门时,我说了一句:你会很快实现自己的梦想。他有点吃惊:姐,你为什么这么说?我没有正面回答,反问他:你有什么梦想呢?小周想了想:姐,我来自农村,家庭条件不太好,我的梦想就是希望有一天和咱们公司的高管们一样,挣到年薪,让我的父母过上好日子。
شۇلارنى ئويلاپ تۇرسام شياۋجوۋ مەن بىلەن خوشلاشقىلى كەلدى، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالدۇق. ئۇ ئىشىكتىن چىقىدىغاندا، مۇنداق بىر ئېغىز گەپ قىلدىم: «غايىڭىزنى تېزلا رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.» ئۇ ئازراق ھەيران قالدى: «ئاچا، نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟» مەن ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي، ياندۇرۇپ: «سىزنىڭ نېمە غايىڭىز بار؟» دەپ سورىدىم. شياۋجوۋ ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «ئاچا، مەن يېزىدا تۇغۇلغان، ئائىلە شارائىتىم ئانچە ياخشى ئەمەس. مەن بىر كۈنلەردە شىركىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش يىللىق مائاش ئېلىپ، ئاتا-ئانامنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.
我微笑:你没有问题的,到时候别忘了告诉我,让我替你高兴高兴。小周用力点头,必须的,姐,保持联系。
مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «چوقۇم قىلالايسىز، ۋاقتى كەلگەندە ماڭىمۇ ئېيتىپ، سىز ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇمنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دېدىم. شياۋجوۋ كۈچەپ باش لىڭشىتتى: «چوقۇم، ئاچا، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.»
这两年,小周每有开心或者烦恼的事时,时常和我聊聊。他说自己很幸运,总是遇到贵人的提携。
بۇ ئىككى يىلدا شياۋجوۋ خۇشال بولغان ياكى ئىچى پۇشقان چاغلاردا پات-پات مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ تەلەيلىكلىكى، دائىملا ئېسىل ئادەملەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
在新公司,刚去不久就做了主管,两年几个台阶,事业一直处于上升状态,也实现了自己的梦想。
ئۇ يېڭى شىركەتكە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى بولدى، ئىككى يىل جەريانىدا كەسپىي جەھەتتە ئىزچىل يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇردى، غايىسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇردى.
小周的话让我想起我的朋友张总。 前段时间我去张总的公司,正值那里大动工程,职工公寓、游泳馆、体育场、健身馆,简直就是一个现代化大型企业的模样。
شياۋجوۋنىڭ سۆزلىرى دوستۇم جاڭ دىرېكتورنى ئېسىمگە سالدى. ئالدىنقى مەزگىللەردە جاڭ دىرېكتورنىڭ شىركىتىگە باردىم. ئۇ چاغدا بۇ شىركەتتە چوڭ تىپلىق قۇرۇلۇش قىلىنىپ، خىزمەتچىلەر ياتىقى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، چېنىقىش سارىيى قاتارلىقلار سېلىنىپ، زامانىۋىيلاشقان چوڭ كارخانا قىياپىتى ھازىرلانغانىدى.
十年前,张总的公司才只有二十多亩地。在一次博览会上,他认识了广东的一个大老板,抱着试试看的想法,张总向这位老板推荐了自己的公司。看他态度那么认真诚恳,广东老板就带着集团几位高管来考察张总的公司了。
10 يىل ئىلگىرى جاڭ دىرېكتورنىڭ ئارانلا 20 نەچچە مو يېرى بار ئىدى. بىر قېتىملىق كۆرگەزمىدە ئۇ بىر گۇاڭدوڭلۇق چوڭ غوجايىن بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شىركىتىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىكىنى كۆرگەن گۇاڭدوڭلۇق غوجايىن گۇرۇھىدىكى بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى باشلاپ، جاڭ دىرېكتورنىڭ شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلدى.
正值腊月,天寒地冻,广东客人穿着单薄,一下飞机就喊“冻死了”。在机场接客人的张总,早就每人准备了一件羽绒服,一行人对他纷纷点赞。
ئۇ قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 12-ئايلار بولغانلىقتىن، ھاۋا قاتتىق سوغۇق ئىدى. شۇڭا، نېپىز كىيىنىۋالغان گۇاڭدوڭلۇق خېرىدارلار ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا «ھەجەپ توڭلاپ كەتتىم» دېيىشكە باشلىدى. ئايرودرومغا مېھمانلارنى كۈتۈۋالغىلى چىققان جاڭ دىرېكتور بۇرۇنلا ھەربىرەيلەنگە بىردىن مامۇق چاپان تەييارلاپ قويغانلىقتىن، كەلگەنلەر ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئارقا-ئارقىدىن ماختاپ كەتتى.
到了张总的公司,广东客人对他精工细作的产品很满意。但根据设备场地计算了产量,不符合采购标准,合作的事暂时就搁浅了。
گۇاڭدوڭلۇق مېھمانلار جاڭ دىرېكتورنىڭ شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ سىپتا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرىدىن تولىمۇ رازى بولدى. بىراق، ئەسلىھە سورۇنى مەھسۇلات مىقدارىنى بەلگىلەپ قويغانلىقتىن، سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە توشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشىمۇ ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇلدى.
但这次考察,张总给广东客人留下了很好的印象。广东人有吃夜宵的习惯,他们入住的宾馆不提供这项服务,张总每天晚上十点都准时给每位客人煮一份宵夜送到房间。
بىراق، بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتە جاڭ دىرېكتور گۇاڭدوڭلۇق مېھمانلاردا ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى. گۇاڭدوڭلۇقلارنىڭ كېچىلىك تاماق يەيدىغان ئادىتى بار. بىراق، ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىدا بۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلەنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ دىرېكتور ھەر كۈنى كەچ سائەت دەل 10دا ھەربىر مېھمانغا بىر كىشىلىكتىن كېچىلىك تاماق تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ ياتىقىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
没有成为合作伙伴,却成了朋友。逢年过节,都彼此发节日问候。
ئۇلار ھەمكارلىشىدىغان شېرىك بولالمىسىمۇ، ئەمما دوست بولۇپ قالدى، ھەر قېتىملىق بايرامدا بىر-بىرىگە بايراملىق سالام يوللاشتى.
早在七八年之前,张总的公司就开始了二期建设,产量翻了几倍。那位广东老板,也成了他们最大的客户。在经济低迷时期,张总就是靠这位大客户的支持而度过了难关。
يەتتە-سەككىز يىل ئىلگىرى جاڭ دىرېكتورنىڭ شىركىتىدە 2-مەزگىللىك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نەچچە قاتلاندى. ھېلىقى گۇاڭدوڭلۇق غوجايىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارىغا ئايلاندى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس چاغدا، جاڭ دىرېكتور مۇشۇ چوڭ خېرىدارىغا تايىنىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى.
ئالدىنقى مەزگىللەردە كۆرگەن «شادلىق قەسىدىسى»دە گۈەن جۈئېرنىڭ خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇپ، ئەن دىگە يىغلاپ دەرد تۆكۈۋاتقان كۆرۈنۈشى بار: «ئاچا، چوڭ بولسا ئادەم بەك چارچايدىكەن، ئىشلەش ئادەمنى بەك چارچىتىدىكەن.»
ئەن دى: «سىزگە بىر خۇش خەۋەر ئېيتاي. شياۋچۈ ئىككىمىز بۇرۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشتىن قالسىڭىز، سىزنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدۇق» دەيدۇ. گۈەن جۈئېر: «نېمىشقا؟» دەپ سورىغاندا، ئەن دى: «چۈنكى، سىز تولىمۇ ئەستايىدىل ھەم ئىشنى ياخشى قىلىدىغان ئادەم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنداق، كىممۇ ئىشنى ئەستايىدىل ھەم ياخشى قىلىدىغان ئادەمنى ياقتۇرمىسۇن؟
ھەربىر كىچىك ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىش بىر يىپ - بىر يىپتىن كەشتە تىككەنگە ئوخشايدۇ، يېقىندىن قارىسا ئاددىيلا يىڭنە ئىزىدەك، يىراقتىن قارىسا گۈزەل يۆگىمە رەسىمدەك كۆرۈنىدۇ. ھايات سانسىز ئۇششاق ئىشلاردىن توپلىنىدۇ، بىر ئۆينى تازىلىماي تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى تازىلاش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
بەزىلەر كۈنبويى ئەمىلى ئۆسۈپ، مائاشىنىڭ يۇقىرىلىشىنى ئويلايدۇ-يۇ، ئەمما خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمايدۇ. خىزمەت ئۈستىلىڭىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگ كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ ئۆز نىشانىغا ئاز-ئازدىن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزگە تەۋە ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىشنى خالىمايسىز. ئەڭ ئاساسىي خىزمەتنىمۇ ياخشى قىلمىسىڭىز، كىم سىزگە پۇرسەت بېرىشنى خالايدۇ؟ كەلگۈسىڭىز توغرىسىدا سۆز ئېچىشىڭىز قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
سىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقان تۇرقىڭىز، ئەستايىدىللىق بىلەن خەت يېزىۋاتقان تۇرقىڭىز، ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرقىڭىز ھەقىقەتەن بەك گۈزەل.
سىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىش پوزىتسىيەرىڭىز ئېسىل ئادەملىرىڭىزنى جەلپ قىلىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە يېتىۋېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
ھەقىقىي ئېسىل ئادىمىڭىز دەل ئۆزىڭىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: مىجەزىڭىز تەلىيىڭىزگە توسالغۇ بولمىسۇن
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلاردىن بەك زور ئۈمىد كۈتمەڭ
◇ قارىماققا مەنىسىز بىلىنىدىغان ۋاقىتلارغا بەرداشلىق بېرىڭ
◇ خەيرلىك كەچ: تىرىشقان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ
◇ خەيرلىك كەچ: پاسسىپ ئېنىرگىيە تارقىتىدىغان ئادەم بولماڭ
◇ ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەنلەر ئوخشىماسلىقنى سىغدۇرالايدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: قانداق نەرسە سىزنى بىر كېچىدىلا چوڭ قىلىۋەتتى؟
◇ خەيرلىك كەچ: ھەممە مۇناسىۋەت مۇشۇنداق سۇسلىشىدۇ
◇ باشقىلارغا تەلمۈرگەندىن كۆرە، ئۆز ھاياتىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ
◇ خەيرلىك كەچ: ھازىرنى سەل چاغلىماڭ
◇ خەيرلىك كەچ: گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاشمۇ بىر خىل خۇشاللىق
◇ خەيرلىك كەچ: تەلەي گېنىمۇ «ئىرسىيەت» قالىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: غەم-ئەندىشىنى تاشلاپ، تۇرمۇشنى مەيلىگە قويۇۋېتىڭ